دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4573 يازمىسى بار

قورساق سول تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمى ئاغرىش

سول تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش سول تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىغا جايلاشقان ئاغرىق سېزىمىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە تال، ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ئەزالارغا چېتىلىدۇ.

كالىينىڭ رولى

كالىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35-%0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ مۇسكۇل، نېرۋا ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، سۆڭەك مۇسكۇلى، نېرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىنېرال ماددىدۇر.

قورساق قىسىمدا مۇنەك ئىششىق پەيدا بولۇش

1. ئۆسمە:قورساق قىسمىدىكى ئۆسمە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆسمە سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كىشىلەر دائىم دەيدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنى سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بارلىق...

يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزدىكى «ئادەمگىياھ» – ئاق تۇرۇپ

ئاق تۇرۇپ يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ 1-پايدىسى: ئورۇقلاش ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر ئاز، سېللۇلوزا بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېگەندىن كېيىن ئاسانلا تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قىچا مېيى ۋە يېمەكلىك تالالىرى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ۋىتامىن U نىڭ رولى

ۋىتامىن U يېڭىدىن بايقالغان ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى بىر قەدەر ئاز.

ۋىتامىن E نىڭ يېڭى ئىشلىتىلىش يولى

ئېغىز بوشلىقى يارىسى. ۋىتامىن E قىل قان تومۇر ۋە كىچىك قان تومۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسم ئاغرىش

1. ئۆت خالتىسى ياللۇغى ياكى ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلى:ئۆت خالتىسى ياللۇغى ئۆت خالتىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلى بولسا ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەللىكلەر ئادەتتە قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىسپېرما (مەنى) سۈپىتىنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

ئىسپېرما سۈپىتى ئەرلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، نۇرغۇن ئەر - خوتۇنلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى بەزى ناچار ئادەت ۋە مۇھىت ئامىللىرى ئىسپېرمىنىڭ ساغلام ھالىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن بەزى ئاددىي كۈندىلىك تەڭشەش ئارقىلىق ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ھامىلدار بولۇش ئىھتىماللىقىنى يۇقىرىلاتقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم تەكلىپلىرىمىز ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما ساغلاملىقىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بوۋاقلاردا كۆپ كېكىرىش نورمال ئەھۋالمۇ ياكى كېسەللىك ئالامىتىمۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە بوۋاقلاردا كېكىرىش دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بولۇپمۇ ئېمىتكەندىن كېيىن ياكى تاماق يېگەندىن كېيىن، نۇرغۇن بوۋاقلاردا كېكىرىش كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ نۇرغۇن يېڭى ئاتا - ئانىلارنى بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ - يوق دەپ ئەنسىرىشىى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچە ئەھۋالدا بوۋاقنىڭ كېكىرىشى بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاس بولۇپ، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.