دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4573 يازمىسى بار

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاق خۇننىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نورمالمۇ؟

ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدىنىدە ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدا ناھايىتى زور بېسىم پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولغان ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك سالامەتلىك ئەھۋاللىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى مۇمكىن، ئاق خۇن كۆپ كېلىش گەرچە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسەللىكى بولسىمۇ، ئەمما ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟

يېڭى 47. قان تىپى سىستېمىسى MAL بايقالدى

1972 - يىلىلا بىر ھامىلدار ئايالدىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنغاندىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭ قان قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزىدە بىر خىل ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھۈجەيرە بەلگە ماددىسى - AnWj قان تىپى ئانتىگېنىنىڭ كەملىكىنى بايقىغان ۋە ئىنتايىن ھەيران قالغان. قان تىپى ئانتىگېنى قىزىل قان ھۈجەيرە يۈز قىسمىدىكى ئاقسىل بولۇپ، بۇ ئاقسىللار كەمچىل بولغان ئەھۋالدا قان سالغاندا ئېغىر رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ ، يەنى بىز دائىم دەيدىغان قان تىپى ماس كەلمەپتۇ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قان بېرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار ئاز ئۇچرايدىغان ئەمما ئېغىر رىئاكسىيە ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ھالقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قوزغاتقۇچى ئانتىگېن مولېكۇلىسىنىڭ بار يوقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ۋىتامىن F نىڭ رولى

ۋىتامىن F ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق بىرخىل ياغ كىسلاتاسىدىن ئىبارەت، بۇرۇن كىشىلەر ئۇنى ياغدا ئېرىيدىغان بىرخىل ۋىتامىن دەپ قارىغانىدى. ۋىتامىن F يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدىن چەككىلەپ ئېلىنىدۇ، ئىسسىققا چىدامسىز، ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن F يېتىشمىسە، تېرىگە ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە ، دانخورەك چىقىدۇ.

ئۈچەي غۇرۇلداش

1. ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق:يېمەكلىك ئۈچەيدە تولۇق ھەزىم بولمىغاندا، كۆپ مىقداردا گاز ۋە سۇيۇقلۇق ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈچەي غوڭۇلدايدۇ.

سۆڭەكتىن ئىلھام ئېلىپ كاۋاك بېتوننىڭ چىدامچانلىقىنى 5-6 ھەسسە كۆتۈردى

پەن تېخنىكا گېزىتى خەۋەىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى : ئىنسانلار سۆڭىكىنىڭ قاتتىق سىرتقى قەۋەت قۇرۇلمىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژېنېرى بىر خىل يېڭى تىپتىكى بېتوننى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ خىل بېتوننىڭ يېرىلىش ۋە تۇيۇقسىز بۇزۇلۇشقا تاقابىل تۇرۇش ، زەخىملىنىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئادەتتىكى بېتوندىن 5-6 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر يېڭى بىر سان «ئىلغار ماتېرىياللار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

قان تەكشۈرۈشتىكى ماي ماددىسى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

قان تەكشۈرۈشتىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( HDL )، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( LDL ) ۋە ترى گلىتسېرىد ( ياغ ) يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار قاندىكى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ياغ ( ياغ ماددىسى ) نىڭ سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان سانلىق قىممەت سالامەتلىككە ئوخشاش بولمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ۋىتامىن T نىڭ رولى

بۇخىل ۋىتامىن توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ بۈگۈنگىچە بىلىدىغانلىرى يەنىلا چەكلىك. ئاساسلىق رولى: قاننىڭ ئۇيۇشى ۋە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ شەكلىلىنىشىگە ياردەم بېرىپ، قان ئازلىق كېسىلى ۋە قاناشقا مايىللىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاشقازان يوشۇرۇن ئاغرىش

ئاشقازان يوشۇرۇن ئاغرىش قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يېنىك ئاغرىقنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەگىشىپ كەلمەيدۇ.

تاماق يىگەندە ھىق تۇتۇش

تاماق يېگەندە ھېق تۇتۇش تاماق يېيىش جەريانىدا تەكرار يۈز بېرىدىغان غەيرىي مۇستەقىل نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ناترىينىڭ رولى

ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 90 گرام ناترىي بار بولۇپ، بارلىق ھۈجەيرىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ كالىي بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئېلېكتىرولىت ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۈجەيرە ئىچى-سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.