دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4573 يازمىسى بار

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قالغاندا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش غەيرىي ئورۇنلۇق ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەنى تۆرەلمە بالىياتقۇ ئىچىدە ئورۇنلاشماي بالىياتقۇ سىرتىدا جايلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان خەتەرلىك ئەھۋال. ئۇنداقتا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش قانداق ئىش؟

بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك

بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك، تاتلىقنى كۆپ يېگەندە بۇنداق بەش خىل خەۋپ كېلىپ چىقىدۇ:

سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى

سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى مېدىتسىنادا بىمارلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان كەسپىي بۆلۈم، بولۇپمۇ كېسەللىك، جاراھەت ياكى ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىغاندا. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ نىشانى بىمارنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇستەقىل ھالدا كۈندىلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى مېدىتسىنانىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر خىل پىسخىكا، ھېسسىيات ۋە ھەرىكەت توسالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە داۋالايدۇ. روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرلىرى دورا، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئائىلە - جەمئىيەت قوللاشتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال ئۇسۇللار ئارقىلىق بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى سوۋۇش

قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى مۇزلاش تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا سوغۇق ھېس قىلىش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى پەسەيتىش رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

ئادەم مېڭىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىپ، زىيادە ئويلىنىپ، جىددىيلىشىپ، قايغۇرۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە ۋە مۇۋاپىق ئارام ئالمىسا، چوڭ مېڭە چارچاپ، بېشى قېيىپ كېتىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، روھى چۈشكۈن بولۇش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق چوڭ مېڭە چارچاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى يېنىكلىتىش لازىم.

نېمە ئۈچۈن ئەيدىز بىمارلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر ناچار بولۇپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. مەيلى ئەيدىز كېسىلى بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانسا، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بەدەنگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋالدا قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يېمەك-ئىچمەكلەر قانداق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ

ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەك-ئىچمەكلەر ئادەتتە ياغ يېمەك-ئىچمەك ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارى %30تىن تۆۋەن بولغان ياكى پۈتۈن كۈنلۈك ياغ قوبۇل قىلىش مىقدارى 50 گىرامدىن كىچىك بولغان يېمەكلىك ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

تەسۋىر سۈرەت بۆلۈمى

تەسۋىر سۈرەت بۆلۈمى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يەرلىك تىلدا رېنتگېن بۆلۈمى، تىببىي تىلدا رادىئولوگىيە بۆلۈمى ۋەيا رادىياتسىيە بۆلۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەسۋىر سۈرەت بۆلۈمى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى مۇھىم تارماق بولۇپ، ئاساسلىقى سۈرەت تېخنىكىسى ئارقىلىق ئادەم بەدىنى تۈزۈلمىسىنى ۋە كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. تېببىي تەسۋىر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەسۋىر سۈرەت بۆلۈمىنىڭ ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدىكى ئورنى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا.

ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە يەنە ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش دورىسى يېسە بولامدۇ؟

ئوتتۇرا ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللىشى ياش ئاياللارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە 35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ياكى جىگەر ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.