دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

كىندىك قىسمى يېرىم شارسىمان ئىششىق

1. قورساق دىۋارى مۇسكۇلىنىڭ بوشىشى:قورساق دىۋارى مۇسكۇلىنىڭ بوشىشى قورساق بوشلۇقىدىكى ياغ ياكى ئۈچەي توقۇلمىلىرىنىڭ كىندىك ھالقىسى ئارقىلىق پولتىيىپ چىقىپ كىندىك چۇقۇقىنى شەكىللەندۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مېڭە-ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى تەدرىجىي توڭلاش بىمارلىرىغا «قايتا سۆزلىشىش» پۇرسىتى بەرمەكتە

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتى داۋىس شۆبىسى ساغلاملىق مەركىزى تەتقىق قىلىپ چىققان بىر خىل يېڭى تىپتىكى مېڭە - ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى ( BCI ) مېڭە سىگنالىنى تاۋۇشقا ئايلاندۇرالايدىكەن ۋە توغرىلىق نىسبىتى %97 كە يېتىدىكەن. بۇ نۆۋەتتە ئوخشاش تۈردىكى تەتقىقات سىستېمىلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ھېساپلىنىدىكەن. بۇ تەتقىقات ئەترىتى ، مۇسكۇل يىگلەش خاراكتېرلىك يان خوردا قېتىشىش كېسىلى ( ALS ،ئادەتتە تەدرىجىي توڭلاپ قېلىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) سەۋەبىدىن تىل ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىر ئەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە سېنزور كۆچۈرگەن. بۇ سىستېمىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، بۇ ئەر بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزى دېمەكچى بولغان گەپنى دىيەلەيدىكەن. مەزكۇر ئەترەت ، ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسىنى 8-ئاينىڭ 15دە «يېڭى ئېنگلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلدى.

AI ھېسابلاش ئارقىلىق «تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش» مۇۋەپپەقىيەتلىك نىسبىتى 98 %كە يەتتى

تۈركىيە ۋە ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭى تىپتىكى تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئۇلار AI ھېسابلاش ئۇسۇلى بىمارلارنىڭ تىلىنىڭ رەڭگىنى ئانالىز قىلىپ، گىرىپتار بولغان كېسەلنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىكەن، ۋە بۇ خىل مۆلچەرنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %98 كە يېتىدىكەن. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە «تېخنىكا» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى بىر سانىدا ئېلان قىلىندى.

قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى كۆپ يېسە بەلغەم، ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ

قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، يېگەندە چۈرۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، كۆپچىلىك ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كۈتۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى زىيادە كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا بەلغەم، ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ.

ئىككىلەمچى قەۋزىيەت

ئىككىنچى قېتىملىق قەۋزىيەت بىر قېتىملىق قەۋزىيەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم تەرەت قىلىش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ناچار بولۇش، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ.

كېپەك يوقىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ھەپتىدە پەقەت بىر قېتىم ئىشلىتىش كېرەك

كېپەكنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەمنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، چىدىغۇسىز قىچىشىشمۇ ئادەمنى ئازابلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر نەزەرىنى كېپەك يوقىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا قارىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش چاچ كېپەكلىشىشنى ماھىيەتتىن تۈزىيەلمەيدۇ.

ئەيدىزنىڭ كېلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ

ئەيدىزنىڭ كلىنكىلىق ئالامىتى كۆپ خىل بولىدۇ. ئادەتتە كېسەلدە دەسلەپ شامالداپ قېلىش، يۇقۇملۇق زۇكام بۇلۇش ئالامىتى كۆرۈلۈپ، پۈتۈن ئەزا ماغدۇرسىزلىنىدۇ، قىزىيدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كېسەل ئالامىتى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ.

بوغماق ئۈچەي كېڭىيىش

بوغماق ئۈچەينىڭ كېڭىيىشى بوغماق ئۈچەينىڭ دىيامېتىرىنىڭ چوڭىيىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئۈچەي يولىغا كۆپ مىقداردا گاز، سۇيۇقلۇق ياكى قاتتىق ماددىلارنىڭ توپلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال قورساق چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

كۈز پەسلىدە بەدەن قۇۋۋەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ

كۈز بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق پەسىل، گۆشلەرنى يەپ زېرىككەن بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ «گۆھەر كۆكتات»نى يەپ سىناپ بېقىڭ.

شاۋقۇنمۇ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىشى مۇمكىن

تاماقنى كۆپ يېيىش، ئاز ھەرىكەت قىلىش، بېسىم ئېغىربولۇش... بۇلارنىڭ ھەممىسى سېمىزلىكنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب. يەنە بىر سەۋەبنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ شاۋقۇن. شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي داشۆسىنىڭتەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بېسىقتاشيول بۆلەكلىرى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىياكى تۆمۈر يول ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ تىنچراق رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.