مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئاياللار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئايالى بارلىقىنى ئېيتسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى قويۇقلاشتۇرماۇ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ﮬەرگىز ئاشكارىلىمايدۇ . پەقەت سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ئاﮬۋالغا چۈشۈپ قالغاندىلا ئاندىن ، “ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، ﮬەقىقىي ئەﮬۋالنى ئېيتمىغانىدىم “ دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالىدۇ . بۇ چاغدا سىز ئاللىقاچان چېكىنىشكە ئامالسىز قالغان بولىسىز . شۇڭا ، ئەگەر سىز توي قىلمىغان قىز بولسىڭىز ، ئالدىراپ نىكاﮬلانغان ، ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ئالدىراپ “ ياخشى كۆرۈپ “ قالماڭ .
ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەدەب – ئەخلاق ، گۈزەل پەزىلەت سىڭگەن . ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى شەرمىي – ﮬايا ئۇلارنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، گۈزەللىكىگە ﮬۆسۈن قوشۇپ كەلگەن . ئەپسۇسكى ، يېقىندىن بېرى جەمىيەتتە بەزىبىر ئەخلاق چېگرىسىدىن ﮬالقىغان ئۇنداق – مۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بۇنى پەقەتلا قىز – ئاياللارغا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇنداقتىمۇ ، قىزلار ئۆزىدىكى “ ئەڭگۈشتەر “ نى قەدىرلىشى كېرەك . شۇڭا ، توي قىلمىغان قىزلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك :
1. ئۇنىڭ توي قىلغان – قىلمىغانلىقىنى ئۇدۇللا سوراڭ .
2. ئۇنىڭ ئىدارىسىدىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈڭ .
3. ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەردىن ئەﮬۋال ئىگەللەپ كۆرۈڭ .
4. ئەڭ مۇﮬىمى ، رەت قىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ . ئادەتتە بەزى قىزلار ناﮬايىتى ئاسانلا توي قىلغان ، خىزمەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنى ئاسانلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ . بۇنداق ئەرلەر تۇرمۇشتا پىشقان ، تەجرىبىلىك بولىدۇ . سالاپەتلىك بولىدۇ ، ئاياللارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدۇ . ئۆزلىرىنىڭ قىزلارغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەشكە ماﮬىر بولىدۇ . شۇنداقلا ، بۇ خىل مۇﮬەببەتكە قۇدرىتىم يېتىدۇ دەپ قارايدۇ ، شۇنداقلا پۇلى ۋە ﮬوقۇقىغا تايىنىپ ، ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقان قىزلارنى ئاسانلا تورغا چۈشۈرۈۋالىدۇ . قىزچاق ، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل ئەﮬۋالغا قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن ، ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىۋېلىشنى ئۈگۈنۈۋېلىڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاپىتىنى ساقلاڭ . ﮬەرگىزمۇ “ شېرىن – شېكەر “ گەپلىرىگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ . قىزلارنىڭ گۈزەللىكى —- ئۆزىنى قەدىرلەشتە ، شۇنداق قىلسىڭىز چوقۇم كەلگۈسىدە بەختلىك بولالايسىز ! بۇ ئەڭ سەمىمىي گەپ .
مەنبە : پايدىلانغان كىتاب “ قىز – ئاياللار مەخپىيىتى “ دىن .