دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

پىياز بىلەن تەييارلانغان رىتسىپلار

دىماغ پۈتۈپ قالسا ، كىچىككىنە پىياز پارچىسىنى بۇرۇن تۆشىكىگە باسسا ، ئۈنۈمى ئادەتتىكى دورىلارنىڭكىدىن تىز بولىدۇ .

تاتلىق يېمەكلىككە زىيادە ئامراقلىق دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىمۇ؟

دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك يولدىن ئېزىپ قېلىش، ئىشنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئويلايدۇ، ئەمما يېقىندا مەلۇم تور بېكەت ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەر خىل دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىدا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىدا دائىم بىر تىپىك دەسلەپكى ئالاھىدىلىك بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت. يەنى تاتلىق يېمەكلىككە تەشنا بولۇش دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

ھورمۇن تەڭشەش ھامىلىدار بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ

كەيپىيات جىددىيلەشكەندە ۋە بېسىم چوڭ بولغاندا، بەدەندىكى ۋىتامىن B كۆپ مىقداردا مېتابولىزم ئېلىپ بارىدۇ، مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا، ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنى كۈچەيتىپ، ئورگانىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.

ئۇيغۇر توي مەنزىرىسى كۆرۈنۈشلىرى

خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى باغچى كەنتىدىكى تۇراتۇرسۇن تۇرسۇننىياز بىلەن روشەنگۈل ئاخۇننىيازغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئادەتتىن تاشقىرى بىر كۈن بولدى. چۈنكى بۇ كۈنى ئۇلار توي قىلىدىغان بولدى.

بوۋاققا قاراشتا دىققەت قىلىدىغان بەش تەپسىلات

نۇرغۇنلىغان ياش ئانىلار بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن «ئازادلىق»غا چىقىمەن دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە ناھايىتى تەستە تۇغۇتتىن ئازاد بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى «ئاۋارىچىلىك»لەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئېمىتىشنى بىلمەسلىك، كۆتۈرۈشنى بىلمەسلىك، زاكا ئالماشتۇرۇشنى بىلمەسلىك، تىرنىقىنى قانداق ئېلىشنى بىلمەسلىك...ئانىلارنى تۈگمەيدىغان ئىشلار كۈتۈۋالغان بولىدۇ.

ئاياللار كىسەللىكى ئۈچۈن يىڭى ئاددىي رېتسېپلار

خۇن تەۋرەش(ھەيز مىقدارى بەك كۆپ بولۇش). قېرىن قۇلاقتىن 100 گىرامنى قۇرۇق قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 15 گىرام قارا شېكەر قوشۇپ، ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ(بۇنى ھەيز مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك).

كۆكىرىش

كۆكىرىش-تېرە ۋە شىللىق پەردىلەردىكى كۆكىرىشنى كۆرسىتىدۇ كۆكىرىش كالپۇك، تىل، ئېغىز شىللىق پەردىسى، بۇرۇن ئۇچى، بويۇن، قۇلاق يۇمشىقى، بارماق (پۇت) لارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدا ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ كۆكىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي سەۋەب قاندىكى ئوكسىدسىزلانغان قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ ئارتىپ كېتىشىدۇر

ئۆپكە راكىنى راستتىنلا داۋالىغىلى بولمامدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر يىلدا بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، ئۆپكە راكى جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا بويىچە كېسەل پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ قالغان. لېكىن، ئۆپكە راكى راستتىنلا شۇنداق قورقۇنچلۇقمۇ؟ ساقايماس كېسەلمۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى

يېقىندا ،بىنادا ئولتۇردىغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.ئەتىيازدا كىشىلەرنىڭ ئورمان قۇيۇش مەزگىلى يىتىپ كەلگەندە،ئاغىينەم ئىشىك ئالدىنىڭ مەنزىرسىنى كۆركەم قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىش مەقسىتىدە ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئۈژمە كۈچىتىدىن بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قويۇپتۇ.ئىككى كۈن بۇلا بولماي بۇ كۈچەت يوق بۇلۇپ كېتىپتۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ توي – تۆكۈن ئۆلۈم – يېتىم ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ توي – تۆكۈن ئۆلۈم – يېتىم ئادەتلىرى