ئانا سەھىپەئۇيغۇرلارئۆرپ-ئادەتلىرىمىزئۇيغۇر توي مەنزىرىسى كۆرۈنۈشلىرى

ئۇيغۇر توي مەنزىرىسى كۆرۈنۈشلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى باغچى كەنتىدىكى تۇراتۇرسۇن تۇرسۇننىياز بىلەن روشەنگۈل ئاخۇننىيازغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئادەتتىن تاشقىرى بىر كۈن بولدى. چۈنكى بۇ كۈنى ئۇلار توي قىلىدىغان بولدى.

 

 

ياش تۇراتۇرسۇن يىگىت كىيىمىنى كىيىپ، قولىدا گۈل تۇتۇپ، گۈزەل كېلىننى ئەمرىگە ئېلىشقا تەييارلىق قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ ناھايىتى جىددىيلىشىپ، پات – پات ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە پىچىرلاپ قوياتتى.

 

 

شادىيانە داقا – دۇمباق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قولۇم – قوشنىلار تۇرسۇنجاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا ياردەملەشتى. قىز كۆچۈرۈش قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا، ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان بىر نەچچە يىگىت كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

 

 

قىز كۆچۈرۈش ئەترىتى يول بويى خۇشال بولۇپ، يول بويى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، يول بويىدىكى نۇرغۇن ئامما توختاپ كۆردى، بەزىلەر پات – پات توي ئاپتوموبىل ئەترىتىنى توسۇپ، يىگىتنى بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلدى.

 

 

قىز كۆچۈرۈش ۋاقتى توشتى، سۇناي چېلىنىپ، ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ كانىيى چېلىنىپ، يېڭى كېلىننى كۈتۈۋالدى

 

 

گۈل بىلەن بېزەلگەن باش ئاپتوموبىلدا بىر چوڭ يۈرەك شەكلى بولۇپ، كىچىك دوستلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

 

 

ئاپتوموبىل، موتوسىكلىتتىن تەشكىللەنگەن قىز كۆچۈرۈش ئەترىتى دۇمباق ئەترىتىنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئاپتوموبىل ئەترىتى ھەيۋەت بىلەن يولغا چىقتى.

 

 

قىز كۆچۈرۈش ئەترىتىنى توسۇش، بۇ توي مۇراسىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى. تۇراتۇرسۇننىڭ ئىنىسى خۇشال ھەم يارىشىملىق ئۇسسۇل ئويناپ، توسۇۋالغانلارنى سېتىۋالدى.

 

 

تۇراتۇرسۇن تۇرسۇننىياز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كېلىننى توي ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقتى.

 

 

يىگىت بىلەن قىز دۇئا ئوقۇدى.

 

 

كېلىنچەكنىڭ ئىشىكتىن كىرىشىگە ئەگىشىپ، توي مۇراسىمىنىڭ قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

 

 

بەزىلەرنىڭ مودا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئادىل مۇختەر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بۇ يەرگە كېلىپ سورۇننى قىزىتتى.

 

 

كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە، تۇرسۇن نىيازنىڭ ھويلىسى شادلىققا چۆمدى.

 

 

كىچىك گۈلى كېلىنچەكنىڭ چۈمپەردىسىنى ئاچتى.

 

 

گۈزەل كېلىنچەك روشەنگۈل ئاخۇننىياز.

 

 

تويغا قاتناشقان كىچىك مېھمانلار.

 

 

تويدىن كېيىنكى ئىشلار.

 

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-10 / 09:55:39

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ