دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4502 يازمىسى بار

دوختۇرلار ئەپ يېڭىلىقلىرى (ئەڭ يېڭى نۇسخا 1.3.1)

«دوختۇرلار Dohturlar» ئەپى 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، تېببىي ساھەدىكى رەقەملىك مۇلازىمەتنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلىپ كەلدى. بۇ ئەپ پەقەت بىر قورال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم بولدى. بىز تۇنجى نەشرى ئېلان قىلىنغان شۇ كۈندىن باشلاپلا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەپنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا ئىزدىنىپ كەلدۇق.

ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى مېڭە پوستلاق قەۋىتى بىئونىك كۆز تېخنىكىسىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى

ئاۋسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى گېنارىس ناملىق بىئونىك كۆز سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، كۆز تور پەردىسى ياكى كۆرۈش نېرۋىسى زەخىملەنگەن ئەما كىشىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يېڭى ئۈمىد ياراتتى. بۇ سىستېما كۆزنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۈرەتلەرنى بىۋاسىتە مېڭىنىڭ كۆرۈش پوستلاق قەۋىتىگە يوللايدۇ.

ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە قايتا يۇقۇملىنىش: بىر قېتىم كېسەل بولۇش كۇپايىمۇ؟

كۆپىنچە كىشىلەر بىر قېتىم كېسەل بولسا بەدەندە ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېت پەيدا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن تىببىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قاراش بارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كەلمەيدۇ. ۋىرۇسلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بەدەندىكى ئانتىتېلانىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلىشى قايتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان بېسىمى تۆۋەنلىمەيۋاتامدۇ؟ دورا يېيىشتىن سىرت، تۇرمۇشتىكى بۇ ئادەتلەر بەكرەك مۇھىم

قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا پەقەت دورىغىلا تايىنىش يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى تۇرمۇش ئادىتى دورىنىڭ ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز دورا يەپمۇ قان بېسىمىڭىز تۆۋەنلىمىسە، تۇزنى ئازايتىش، بېسىمنى تەڭشەش ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىق ساغلاملىقىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز.

بالىلاردا دائىم سۈيدۈك يولى ياللۇغى كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلاردا سۈيدۈك يولى ياللۇغى نېمە ئۈچۈن تەكرارلىنىدۇ؟ قايسى تەكشۈرۈشلەر زۆرۈر؟ بۇ ماقالىدە بالىلاردىكى سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى.

تەبىئەت ئاۋازىنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىلىۋېلىڭ

زامانىۋى شەھەر تۇرمۇشىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى، تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە خىزمەت بېسىمى ئىنسانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئۈستىگە ئېغىر يۈك بولۇپ چۈشمەكتە. نۇرغۇن كىشىلەر سوزۇلما خاراكتېرلىك ھارغىنلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە زېھنىنى يىغىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تەبىئەتنىڭ ئۆزى بىزگە ئەڭ ياخشى «دورا»نى تەقدىم قىلغان، ئۇ بولسىمۇ تەبىئەتنىڭ ئاۋازلىرىدۇر.

نېمە ئۈچۈن يامغۇرلۇق كۈنلەردە بوغۇم ئاغرىقى كۈچىيىپ كېتىدۇ؟

يامغۇرلۇق ۋە نەملىك يۇقىرى كۈنلەردە بوغۇم ئاغرىقىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى نۇرغۇن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان بىر ھادىسە. گەرچە ئۇزۇن يىللارغىچە بۇ پەقەت بىر خىل «كونىلارنىڭ گېپى» دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما زامانىۋى تېبابەتچىلىك ھاۋا بېسىمى، نەملىك ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان فىزىكىلىق تەسىرىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇ جەرياندا بارومېتىرلىق بېسىمنىڭ تۆۋەنلىشى بوغۇم ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ كېڭىيىشىگە ۋە نېرۋىلارنىڭ غىدىقلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

تاماقتىن كېيىنلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ساغلاملىققا زىيانلىقمۇ؟

تاماقتىن كېيىنلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا قوشۇمچە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ جەرياندا قاننىڭ ئايلىنىشى ئاشقازانغا مەركەزلەشكەچكە، جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش ھەزىم قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.

دوختۇرلار دائىم دەيدىغان قاندىكى ئېلېكترولىتلار دىگەن زادى نىمە؟

قاندىكى ئېلېكترولىتلار بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئېلېكتر زەرەتلەنگەن مىنېرال ماددىلار بولۇپ، ئۇلار نېرۋا سىستېمىسى، مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ۋە بەدەننىڭ سۇ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بۇ ماقالىدە ئېلېكترولىتلارنىڭ تۈرلىرى، سالامەتلىكە بولغان تەسىرى ۋە تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ؟

ئىنسان مېڭىسى خۇددى ئىشلىتىلگەنچە ئۆتكۈرلىشىدىغان بىر قورالغا ئوخشايدۇ. يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە تەدرىجىي ئاستىلاپ، بىلىش ئىقتىدارىدا چېكىنىش كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەمما زامانىۋى نېرۋا ئىلمى بىزگە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى بىر بىلىم ياكى ماھارەت ئۆگىنىش مېڭىنى «ياش» تۇتۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر. بۇ جەريان پەقەتلا ئۇچۇر توپلاش ئەمەس، بەلكى مېڭىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش جەريانىدۇر.