دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4611 يازمىسى بار

رىماتىزىم مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

رىماتىزىم مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى (Rheumatic Heart Disease ، RHD) يۈرەك كلاپانلىرىنىڭ جىددىي رىماتىزىملىق قىزىتما (Acute Rheumatic Fever) سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك زەخىملىنىش ۋە نورمال ئىشلىيەلمەسلىك كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر كېسەللىك ئەھۋالىدۇر. بۇ كېسەللىك، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدا يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇلۇپ داۋالانمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

زۇكام ھەققىدە

زۇكام (ئادەتتىكى سوغۇق ئۆتۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى، يەنى بۇرۇن ۋە كېكىردەك يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمىسىمۇ ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ماقالىدە زۇكامنىڭ سەۋەبلىرى، ئالامەتلىرى، داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىمىز.

ياپونىيە ھەممىباب سۈنئىي قان تەتقىق قىلىپ چىقىپ كلىنىكىلىك سىناق قىلىشقا باشلىدى

يېقىندا ياپونىيە ئالىملىرى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەرەققىياتتا ئېگە بولغان بارلىق قان تىپى بىلەن ماس كېلىدىغان بىر خىل سۈنئىي قان سەپلىمە مەھسۇلاتىنى ئىجاد قىلدى. بۇ خىل ھەممىباپ قان مەھسۇلاتى، پۈتۈن دۇنيادىكى سەھىيە ساھەسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش، قان بېرىش داۋالاش پەرۋىشىنى ئۈزۈل-كېسىل غەمدىن خالاس قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئويمانلىشىدىغان سۇلۇق ئىششىق

ئويمانلىشىدىغان سۇلۇق ئىششىق (Pitting Edema) بەدەندىكى توقۇلمىلار ئارىسىغا ئارتۇقچە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئىششىق تۈرىدۇر. بۇ خىل ئىششىققا بارماق بىلەن بېسىلغاندا، بېسىلغان ئورۇندا ۋاقىتلىق ئويمانلىق (indentation or pit) پەيدا بولىدۇ ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ خىل ئىششىق ئادەتتە پۇت ، پۇت ئۇلىقى ۋە قوللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

يەر تەۋرەش ئاپىتى جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاش ھەققىدە

يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ھەرزامان ئالدىن خەۋەرسىزلا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم. جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى بۇ تەييارلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماقالىدە سىز يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ئۈچۈن مۇكەممەل جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى قانداق تەييارلاش توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات ئالالايسىز.

ئېلېكتروكاردىئوگرامما

ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما تەكشۈرۈشى (ECG, Electrocardiram) بىر خىل جاراھەتسىز تېببىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئېلېكتىرو پائالىيىتىنى خاتىرىلەشكە، دوختۇرلارنىڭ ئېلېكتىرو كاردىئوگراممىا ئارقىلىق ، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى باھالىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ئاسپىرىن

ئاسپىرىن يەنە ئاتسېتىلسالىتسىلىك ئاتسېتات (acetylsalicylic acid) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپسىز دورا بولۇپ، ستېروئىدلىق بولمىغان ياللۇغقا قارشى دورا (NSADs) تۈرىگە تەۋە. ئۇنىڭ كۆپ خىل دورىلىق رولى بار بولۇپ ، ئاغرىق توختىتىش (ئاغرىقنى پەسەيتىش)، قىزىتمىنى قايتۇرۇش (قىزىتمىنى ياندۇرۇش)، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ۋە قان پىلاستىنكىسىغا قارشى تۇرۇش (قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش) قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.

خولېرا

خولېرا بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسەللىكى بولۇپ، خولېرا يايسىمان باكتېرىيەسى (Vibrio cholerae) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇن تەدبىر قوللىنىلمىغاندا، تېزلىكتە يامراپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. خولېرا كېسىلى سەھىيە شارائىتى ناچار، پاكىز ئىچىملىك سۇغا ئېرىشىش تەس بولغان رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

خولېرا كېسەللىكى ھەققىدە

خولېرا بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسەللىكى بولۇپ، خولېرا يايسىمان باكتېرىيەسى (Vibrio cholerae) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇن تەدبىر قوللىنىلمىغاندا، تېزلىكتە يامراپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. خولېرا كېسىلى سەھىيە شارائىتى ناچار، پاكىز ئىچىملىك سۇغا ئېرىشىش تەس بولغان رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

چۇما كېسىلى ھەققىدە

چۇما ( Plague ) — ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختىن ھازىرغىچە يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان. "چاشقان ۋابا كېسەللىكى" دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ كېسەللىك، غەرب ئەللىرىدە بىر مەزگىل "قارا ئۆلۈم" (Black Death) دەپمۇ تونۇلغان.