ئانا سەھىپەساغلاملىقھاراق-تاماكاھاراق بىلەن ئىچىملىكنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش ئاشقازانغا تېخىمۇ زىيانلىق

ھاراق بىلەن ئىچىملىكنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش ئاشقازانغا تېخىمۇ زىيانلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچكەندە بەزى ئىچىملىكلەرنى قوشۇپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، ھاراق ئازراق تەڭشەلگەندىن كېيىن ئىچكەندە، تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە گىرادۇسى مۇناسىپ ھالدا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، مەست بولۇش ئەھۋالى ئاسان يۈز بەرمەيدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق قىلغاندا ئىسپىرتنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ھەتتا ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇن بەزى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قىلمىشنىڭ زىيىنى بەك چوڭ.

مەن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل دائىم ماسلاشتۇرۇلغان گۇرۇپپىلارنى مىسالغا ئېلىپ باقاي:

1. قىزىل ھاراق بىلەن شۆبى قوشۇش

قىزىل ھاراق بىلەن شۆبىنىڭ تەمى ئالاھىدە بولغاچقا، نۇرغۇن قىزلار ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بىلىپ-بىلمەيلا ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىپ سالىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ھەر ئىككىسىنىڭ تەمى نىسبەتەن چۈچۈمەل بولىدۇ، بۇنداق ئۇزاق مۇددەت ئىچكەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىلگەن كاربون تۆت ئوكسىدى ئىسپىرتنى تېز سۈرئەتتە سۈمۈرۈۋېلىپ، تېخىمۇ ئاسان مەست قىلىدۇ.

2. پىۋىغا كولا قوشۇش

پىۋىغا كولا قوشۇش دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر ئۇسۇل بولۇپ، كولادا نۇرغۇن كاربون تۆت ئوكسىدى بولۇپ، تېخىمۇ ئاسان مەست قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كولادا يەنە كۆپ مىقداردا كوففېئىن بار بولۇپ، ئىسپىرت ۋە كوفېئىننىڭ ئورتاق غىدىقلىشى ئاستىدا، يۈرەك مۇسكۇلى ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىپ، يۈرەك مۇسكۇل قان تومۇر سىستېمىسىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

3. ئاق ھاراققا قىزىل كالا ئىچىملىكىنى قوشۇش

«مىڭ ئىستاكاندىمۇ مەست بولماسلىق» ئۈچۈن، قاچاندىن باشلاپ مودا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ھاراققا قىزىل كالا ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بارلىققا كەلگەن، قىزىل كالا ئىچىملىكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تائۇرېن، مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا بەلگىلىك ساقلىقنى ساقلاش رولى بولىدۇ، لېكىن ئاق ھاراقنى ماسلاشتۇرغاندا يۈرەكنىڭ سوقۇش قېتىم سانى تېزلىشىپلا قالماستىن، يەنە جىگەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق ماسلاشتۇرسا ئەڭ ساغلام بولىدۇ دىگەن سۇئالغا كەلسەك، ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك ھەممىدىن ساغلام.

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/18950907.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-31 / 04:13:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ