ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت ھەمرىيى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ئاسان ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالدىۇ جىنسىي كېسىلى ئەيدىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك
جىنسىي كېسەللىكى بىمارى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالىدۇ . ئەگەر جىنسىي كېسىلى بىمارنىڭ تېرىسىدە ياكى شىللىق پەردىسدە ياللۇغ ياكى يارا بولسا ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئەيدىز ۋىرۇسى ئاسانلا بەدەن ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ .
تېرىدە زەخىملەنگەن ئورۇن ياكى يارا بولمىسىمۇ ، كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئىممۇنىت رىئاكسىيەسىنى غىدىقلاش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى بايقىيالمىغانلىقتىن گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر ئەيدىز كېسىلى بىمارىدا يەنە جىنسىي كېسەل بولسا ، ئادەتتىكى ئەيدىز كېىسلى بىمارىنىڭ باشقىلارغا كېسەل يۇقتۇرىش خەتىرىگە قارىغاندا 3~5 ھەسسىگىچە يۇقىرى كېلىدۇ .
ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت ھەمرىيى كۆپ كىشىلەر ئۆز ئارا ئارىلاشما يۇقۇشنى پەيدا قىلىپ ، كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش ، يۇقۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ .