تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا تۇغماسلىق، سەمرىپ كېتىش ۋە بىر قىسىم ئاياللار كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن
چۈنكى ئۇزاقئولتۇرغاندا، تۇخۇمدانغا ئوكسېگىن يېتىشمەيدىكەن. بالىياتقۇسى زىيادە ئالدىدا ياكى كەينىدە بولسا، تۇخۇمدانغا قان يىغىلىپ قېلىپ، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەدىنى ئاجىز ئاياللار، ئولتۇرۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىغانلار ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرغاندا، ئىچكى پەردە توقۇلمىلىرى كۆپىيىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
دائىم پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەسلىدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ئاياللار ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى، كۆپرەك پىيادە مېڭىپ بېرىشى، خىزمەت قىلىۋېتىپ ھەر سائەتتە بىر ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت ئىشلەپ بېرىشى كېرەك.