-
- تۆرەلمە دەۋرى: تۆرەلگەندىن تارتىپ تۇغۇلغانغا قەدەر 280 كۈن بولۇپ، بۇ مەزگخلدە تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى تېز بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلىنىشىدا پۈتۈنلەي ئانا بەدىنىگە تايىنىدۇ. ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۇرمۇش شارائىتى بالىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۆرەلمىدە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىنىڭ ئالدىنقى 3 ئېيىدا ھەرقايسى ئەزا سىېستىمىلار تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، ھەمىلدار ئاياللار پۈتۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بولۇپمۇ تۆرەلمىنىڭ ئالدىنقى 3 ئېيىدا، يۇقۇملىنىش ياكى باشقا ناچار ئامىللارنىڭ تەسىرىگە يولۇقسا، تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە دەخلى يەتكۈزىدۇ. ھەتتا غەيرىلىكلەر پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
- يېڭى تۇغۇلغان دەۋرى: تۇغۇلۇپ 28 كۈنگىچە يېڭى تۇغۇلغان دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئانا تېنىدىن ، ئانا تېنى سىرتىدىكى تۇرمۇشقا ئۆزگىرىدۇ. كۆنۈش قابىلىيىتى نىسبەتەن ناچار بولىدۇ. سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئوڭايلا ئۇچراپ كېسەل بولىدۇ. مەسىلەن: سوغۇققا يولۇقسا ئوڭايلا قېتىپ ئىششىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاسان سىپتىتسىمىيە ياكى ئۆپكە ياللۇغى يۈز بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىش ھەرخىل كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
- بوۋاقلىق دەۋرى: تۇغۇلۇپ 28 كۈندىن بىر ياشقىچە بوۋاقلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى تېز، ماددا ئالمىشىشى جۇشقۇن بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان تەلىپى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئوزۇقلاندۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا، ئوڭايلا ئوزۇقلىنىشنىڭ بۇزۇلۇشى يۈز بېرىدۇ. لېكىن ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خىزمىتى مۇكەممەل بولمىغاچقا، بېقىش مۇۋاپىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەزم قىلىش خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنرەك بولغانلىقتىن ئوڭايلا يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىلىرىنى ئەملەش كېرەك.
- گۆدەكلىك دەۋرى: تۇغۇلۇپ بىر ياشتىن 3 ياشقىچە گۆدەكلىك دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە سۈتتىن ئايرىلىپ، يېمەكلىكلەرگە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن توغرا بېقىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئاسانلا ھەزم قىلىش خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ مەزگىلدە قارشىلىق كۈچى گەرچە بىر قەدەر كۈچەيگەن بولسىمۇ لېكىن سىرتقى مۇھىت بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتى كۆپەيگەچكە، ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى تەرەققىي قىلغانلىقتىن بالىلارنى توغرا تەربىيىلەپ ، قائىدىلىق تۇرمۇش تۈزۈمى، ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بالىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى نىسبەتەن چوڭ بولغاچقا، يەنە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.
- مەكتەپ يېشىدىن ئالدىنقى دەۋرى: 3-7 ياشلىق مەزگىلى مەكتەپ يېشىدىن ئالدىنقى دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاستىلاپ، ئەقلىي تەرەققىياتى تېزلىشىدۇ. سۆزلەش، ئانالىز قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچىيىدۇ. بىلىشكە ئىنتىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدۇ. جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسى كۆپەيگەنلىكتىن، ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللەر نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تەربىيىلەشكە دىققەت قىلىش لازىم.
- مەكتەپ يېشى دەۋرى ۋە ياشلىق باھار دەۋرى: 7-14 ياشلىق مەزگىلىمەكتەپ يېشى دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋردە بەدەندىكى كۆپ قىسىم ئەزالار تولۇق تەرەققىي قىلىپ بولىدۇ. ئەقلىي كۈچى ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ. ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەرگە نىسبەتەن بەگىلىك قارشىلىق كۈچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھالەت ئۆزگىرىش رىئاكسىيىلىك كېسەللەردىن، مەسىلەن : رېماتىزىم، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلار نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىجتىمائىي پائالىيەت دائىرىسى نىسبەتەن كەڭ بولغانلىقتىن، مۇھىتنىڭ ئۇلارغا قارىتا تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىنى كۈچەيتىش ۋە چېنىقتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ ئۇلارنى ئەخلاقى، ئەقلىي ،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ياشلىق باھار دەۋرى: قىزلار 12 ياش، ئوغۇللار 13 ياش ئۆپچۈرىسىدە باشلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەننىڭ تەرەققىياتى يەنە تۇيۇقسىز تېزلىشىدۇ. كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ تېزلىشىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا پىسخلوگىك ۋە روھىي جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا بايقاش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش زۆرۈر.
مەنبە:
بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش