ئۇزۇن مۇددەت تويۇپ غىزالىنىش ھازىرقى زامان ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلمىدە بايقىلىشىچە، تاماق يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ، چوڭ مېڭىدىكى ‹‹ بىخ تالاسى ھۈجەيرىسى ئۆسۈكچە پاكتۇرى›› دەپ ئاتالغان ماددا كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ كېتىدىكەن . بۇ ‹‹ بىخ تالاسى ھۈجەيرىسى ئۆسۈكچە پاكتۇرى››نىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ ، قىلدام تومۇرلارنىڭ ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىسى ۋە ياغ كۆپىيىپ كېتىپ ، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى يۈز بېرىدىكەن . ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت تويۇپ غىزالانغاندا ، جەزمەن نېرۋا ئارتېرىيەسىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى بالدۇرلا چېكىنىپ كېتىدىكەن .
ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قاراش ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەن كىشىنىڭ قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ، نورمال تەمىنلەشتەسىرگە ئۇچراپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولىدىكەن، بۇ ئۇزاققا سوزۇلسا چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى ئەقلى ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئادەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ناشتىلىق قىلغان بالىلارنىڭ دەرسخانىدىكى تەپەككۇرى ئۇزاققىچە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن. بىراق، دانلىق ئاشلىق بالىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە زېھنى كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن .
تاتلىق يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش تاتلىق يىمەكلىكنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ئەقىل بۆلۈنمىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن . چۈنكى بۇ، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە قىسىمىنىڭ ئۆسۈشى يېمەك–ئىچمەكتىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ۋە ۋىتامىنلارنىڭ تولۇق بولۇشىدىن ئايرىلالمايدىكەن ، شۇنداقلا ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن . يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش، ئورگانىزىملارنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن . نەتىجىدە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئۇيقۇ يېتەرسىز بولۇش چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل— ئۇيقۇ. ئۇيقۇ ئۇزۇن مۇددەت يېتەرسىز ۋە سۈپىتى تۆۋەن بولسا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن . ئەقىللىق كىشىلەرنىمۇ گالۋاڭلاشتۇرىۋېتىدىكەن .
ئاز گەپ قىلىش چوڭ مېڭىدە مەخسۇس تىل– تاۋۇش رايونى بولۇپ ، دائىم گەپ قىلىش چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىكەن . سۆزنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ ، پەلسەپىۋىلىك ۋە لوگىكىلىقى بىر قەدەر كۈچىيىدىكەن. كۈندە جىمغۇر، كۈلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەقىللىق بولۇشى ناياتىن ئىكەن .
بۇلغانغان ھاۋا چوڭ مېڭە پۈتۈن بەدەندىكى ئوكسىگېننى خورىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئەزا بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مىنۇتتا سەرپ بولىدىغان ئوكسىگېن 500-600 لىتىر. پەقەت يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەنگەندە چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. مېڭە ئىشلىتىش ۋاقتىغا، ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ ھاۋا تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەككەن.
مېڭە ئىشلىتىشنى خالىماسلىق پىكىر يۈرگۈزۈش—چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. مېڭىنى كۆپرەك ئىشلىتىش، پات- پات پىكىر يۈرگۈزۈش كىشىلەرنى ئەقىللىق قىلىدىكەن. ئەكسىچە، مېڭىنى ئىشلەتمەسلىك ئەھۋالى چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. ئەقىللىق كىشىلەرنىمۇ دۆتلەشتۈرىۋېتىدىكەن.
كېسەل تۇرۇپمۇ مېڭە ئىشلىتىش تەن بىتاپ، ياكى ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتا، زورمۇ- زور ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلغاندا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ مېڭە ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدىكەن.