قۇلاق ئېغىرلىق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئاددىي رېتسېپلىرى
* قۇلاققا ساپ قىچا يېغىدىن تېمىتسا ، سوغۇق يەلدىن بولغان قۇلاق ئېغىرلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
* قىچىنى يۇمشاق سوقۇپ ، ھەسەل بىلەن ئوتتا قويۇلدۇرۇپ چاپسا ، قۇلاق ئېغىرلىققا تېز مەنپەئەت قىلىدۇ .
* ئوسۇڭ ئۇرۇقى يېغىنى قۇلاق ئىچىگە تېمىتسا ، ئىسسىق يەلدىن بولغان قۇلاق ئېغىرلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .
* بەدىياننى قاينىتىپ ھورىغا قۇلاقنى يېقىپ تۇرسا ، قۇلاق ئېغىرلىق ۋە گاسلىق ئېچىلىدۇ .
* كونا كۈنجۈت يېغىغا ئارچا ئۇرۇقىنى چىلاپ گاس بولۇپ قالغان قۇلاققا تېمىتسا ئېچىلىدۇ .
* زەيتۇن يېغىغا تىرىك چۈمۈلىنى سېلىپ ئېزىپ قاينىتىپ تەييارلىغان ياغدا يەرلىك ئورۇننى ياغلىسا ، قۇلاق ئېغىرلىق ساقىيىدۇ .
* باش پىيازنىڭ سۈيىنى پاكىز پاختا بىلەن قۇلاققا چېپىپ بەرسە ، قۇلاق ئاغرىقى ۋە ئېغىرلىقىنى تېزلا ياخشىلايدۇ .
* سامساقنى ئاچچىق بادام يېغىدا قارايغىچە قاينىتىپ تەييارلىغان ياغنى تەييارلىغان ياغنى قۇلاققا سىجىل تېمىتسا ، قۇلاق ئېغىرلىقىغا ناھايتى تېز مەنپەئەت قىلىدۇ .
* قاپاقنى سىقىپ سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا ، ئىسسىق يەل قاپلىغان قۇلاق ئېغىرلىقىغا داۋا قىلىدۇ .