كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەتىگەندە ئاچ قورساق چېنىقىشقا ئادەتلەنگەن ئەتىگەندە ئاچ قورساق چېنىققاندا قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ، چوڭ مېڭىگە لازىملىق بولغان ئېنېرگىيىنى كېمەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، پۇت- قول ماغدۇرسىزلىنىش، ھەتتا ھۇشى
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەندە چېنىقىشتىن بۇرۇن بىز ئاز سۇ ئىچىش، نان،پىچىنە قاتارلىقلار بىلەن ناشتا قىلىۋېلىش كېرەك. بىر ئىستاكان سۈت، ھەسەل سۈيى ئىچىۋالسىمۇ بولىدۇ.
ئەتىگەن تۇرۇپ بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق. كېچىدىكى نەپەسلىنىش، تەرلەش، كىچىك تەرەت تۈپەيلى بەدەندىكى سۇ مىقتارى خوراپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئەتىگەنلىكى بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچكەندە قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئورگانىزىمنىڭ فۇنكىتسىيىسىنى نورماللاشتۇرۇپ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.