ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىبالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك

بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تېببىي ئىلىمدە بەش ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ ئادەتتە يوتقىنىغا سىيىپ قويۇشىنى سىيگەكلىك كېسىلى ، دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ . كۆپ ساندىكى سۈيدۈكىنى تۇتالمايدىغان بالىلار پۈتۈن بەدەنلىك تەكشۈرتكەندە نورمال بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بالىلاردىلا يوشۇرۇن خاراكتېرلىك ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يېرىلىش ، دوۋساق بىر ئاز كىچىكرەك بولۇش ، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇشنى ئېغىر كېسەللىك دېيىشكە بولمايدۇ . لىكىن ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلاردا ئېغىر پىسخىك بېسىم پەيدا بولىدۇ .

بالىلار ئورنىغا سىيىپ قويغاندا ، ئاتا–ئانىلار ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بالىلارنىڭ يوتقان–كۆرپىلىرىنى رەتلەشكە ياردەم بېرىشى كېرەك . لېكىن ئۇلارنى سىيىپ قويۇپسەن دەپ ئەيىپلەشكە بولمايدۇ . چۈنكى بۇنداق چاغدا بالىلار باشقىلارنىڭ چۈشۈنىشىگە ۋە كۆيۈنۈشىگە تولىمۇ مۇھتاج .

مۇۋاپىق ھالدا بالىلارنى قەرەللىك سىيىشنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ سىيىپ قويۇشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ . يەنى كۈندۈزى ئائىلىدىكى چاغدا ، بالىلارغا كۆپ مىقداردا قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ ، ھاجەتخانىغا كىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ، دوۋساقنىڭ سۈيدۈك ساقلاش ۋە سۈيدۈكنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش كېرەك. ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلارغا قەھۋە بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچۈرۈشكە ، بولۇپمۇ چۈشتىن كېيىن ئىچۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ .

كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۈگەپ كېتىدۇ . بىراق بالىلاردا تۇيۇقسىز ئورنىغا سىيىپ قويۇش بىلەن باشقا كېسەللىك ئالامىتى بىللە كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالىتىپ بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ئەگەر بالىلار كېچىسى سىيىپ قويۇشنى ئالتە ئاي كونتورل قىلغاندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز يەنە سىيىپ قويۇش كېسىلى قايتا قوزغىلىپ قالسا ، ھەتتا كۈندۈزىمۇ كىيىمىگە سىيىپ قويسا ، بالىلاردا ئائىلىدىكى ۋە مەكتەپتىكى ئىپادىسى غەلىتە بولىدۇ . بالىلار سىيىدىغان ۋاقتىدا ئاغرىش ، دائىم سىيگۈسى كەلگەندەك بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . روشەن ھالدا كۆپ مىقداردا قايناق سۇ ئىچىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، پۇت قىسمى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇنداق چاغدا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈپ ، پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتىكى نورمالسىزلىقنى تۈگىتىپ ، سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشى ۋە دىئابىت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:43:17

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ