ئانا سەھىپەساغلاملىقچېنىقىشكۆپ يول مېڭىش كۈتۈنۈش ھېسابلىنامدۇ؟

كۆپ يول مېڭىش كۈتۈنۈش ھېسابلىنامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تېنى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ھەرىكەت كېسەل داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھېسابلىنىدۇ، بىراق ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھەرىكەت كەمچىل بولسا، بەدەن بارغانسېرى ئاجىزلاپ، قان تومۇرلار ئاسان توسۇلۇپ، ئاسانلا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

يول مېڭىش 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر قەدەر ياخشى بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ياشىنىپ قالغانسېرى پۇت-قول ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، يۈگۈرۈش، توپ ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يول مېڭىش يەڭگىل ھەرىكەت ھېسابلىنىپ، ياشانغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

50 ياشتىن كېيىن دائىم يول مېڭىش سالامەتلىككە پايدىلىق:

1. يول ماڭغاندا يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى، نەپەس سىستېمىسىنى ياخشىلىغىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

2. يول مېڭىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلاملىقنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

3. يول ماڭغاندا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۆڭەكمۇ كۈنسېرى قېرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىز بوغۇمى پۈتۈن بەدەننىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇپراش ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تىز بوغۇمىنىڭ قېرىش دەرىجىسى تېزلىشىدۇ، گەرچە كۆپ يول مېڭىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر بەدەن ئەھۋالىغا قارىماي، كۆپ مىقداردا ماڭسا، بوغۇمنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بوغۇم ئىششىپ ئاغرىيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا مېڭىش كېرەك.

 

50 ياشتىن كېيىن بۇ تۆت ئىشنى ياخشى داۋاملاشتۇرسا ساغلام بولۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن

1. سۇنى كۆپ ئىچىش

يېشى قانچە چوڭ بولغانسېرى بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى شۇنچە ئاستا بولىدۇ، شۇڭا قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۇنى كۆپ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

2. ھەر كۈنى پۇت چىلاش

پۇت ئادەم بەدىنىدىكى ئىككىنچى يۈرەك بولۇپ، تاپىنىمىزدا ھەر خىل پەللىلەر بار، ھەر كۈنى پۇتنى چىلاشتەك ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرغاندا، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

3. قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش ئادىتىنى ساقلاش

يېشى چوڭىيىپ قالغاندا، ئۇخلاش ۋاقتىمۇ قىسقىرايدۇ، ئۇيقۇ تېيىز، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش، ئاسان ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا چوقۇم قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ۋاقتىدا ئۇخلاش، ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇش، ئادەم بەدىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائەت قانۇنىيىتىنى خالىغانچە بۇزۇۋەتمەسلىك كېرەك.

4. ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش

50 ياشتىن كېيىن شەيئىلەرگە بولغان قاراش تېخىمۇ ئوبيېكتىپ بولۇش، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، كەڭ قورساق بولۇش، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇپراتماسلىق، ئۈمىدۋار، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاشتىمۇ مادارىغا قاراپ ئىش قىلىش كېرەك، ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىغا ماس كېلىدىغان ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن تۆت ئىشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ساغلام بولۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-16 / 08:55:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ