ياشانغانلار يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى

0
1282
ياشانغانلار يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى

يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كۆپ ھاللاردا تاماقتىن كېيىن ئالتە سائەتتىن 24 سائەتكىچە ئارىلىقتا كۆرۈلىدۇ ھەم كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش ئېغىر بولغانلىرىدا سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

شۇڭا
(1) شەرت – شارائىت يار بەرسە، ئاغرىقنى ئىمكانقەدەر تېزدىن قۇستۇرۇۋېتىش كېرەك. يەنى ئىككى بارماقنى ئاغرىقنىڭ يۇتقۇنچاق بوشلۇقىغا يېنىك تەگكۈزۈپ قۇستۇرۇۋەتسە بولىدۇ.
(2) 20 گىرام تۇزغا 2000 مىللىلىتىر قايناق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىققا ئىچكۈزسە بولىدۇ.
(3) زەھەرلەنگۈچى ھوشىدىن كەتكەن بولسا قۇستۇرۇشقا بولمايدۇ، ئىمكانقەدەر تېز دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

مەمتىمىن ھاشىم تەييارلىغان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here