ئەگەر بالىلارنىڭ بوي ئۆسۈشى ئاستا باشقا ئوخشاش ياشتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن، بەدىنى زىيادە ئورۇق، ۋەيا زىيادە سېمىز بولسا، قارا قۇيۇق ۋىتامىن ئېلىپ بېرىشتىن ۋەيا قاراقۇيۇق ئاقسىل ئۇكۇلى (بۇ بەك خەتەرلىك بىر داۋالاش، كىچىك بالىلارغا تەكشۈرۈش قىلماي تۇرۇپ ئاسانلىقچە ئۇرمايمىز، بۆرەككە ۋە باشقا ئورگانلارغا زىيانلىق) ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى، ئەڭ يېقىن بولغان ئائىلە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى (مەھەللە ساغلىق ئوچاغى)، بالىلار ساغلاملىقى ۋە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بۇ 3 يەردىن بىرسىگە چوقۇم كۆرۈنۈپ ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ۋە كېرەكلىك داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بالىنىڭ بەدەندە قان ئازلىق، تۆمۈر كەمچىل، ۋىتامىن كەمچىل، كالتسىي كەمچىل، ئۆسۈش ھورمونلىرى كەمچىللىك ۋەيا باشقا ئەھۋاللار بارمۇ بۇلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كېرەك بولغاندا داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

يۇقارقى 3 بۆلۈمنىڭ ئۇيغۇرچە تۈركچە ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئائىلە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى (ساغلىق ئوچاغى)
aile sağlık merkezi (sağlık ocağı)
(ھەربىر مەھەللىدە بىردىن بولىدۇ، ھەقسىز تەكشۈرۈش قىلالايدۇ، بالىنىڭ بوي-ئېغىرلىق ئۆسۈپ يېتىلىش، ۋاكسىنا ئەملىتىش، بەدەن تەكشۈرۈش قىلالايدۇ، كېرەك بولغاندا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە ئەۋەتىدۇ.)
2. بالىلار ساغلاملىقى ۋە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
çocuk sağlığı ve hastalıkları bölümü
(بۇ بۆلۈم كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. بەزى دوختۇرخانىلاردا بۇ بۆلۈمنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپلا، çocuk hastalıkları bölümü يەنى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دەپ ئاتىشى مۇمكىن. بالىنىڭ بەدىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرەلەيدۇ، كېرەك بولغاندا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە ئەۋەتىدۇ)
3. بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
çocuk endokrinoloji bölümü
(بۇ بۆلۈم چوڭراق دوختۇرخانىلاردىلا بار. بالىلاردا ئۆسۈپ يېتىلىش ھورمونلىرى كەمچىللىك سەۋەبلىك بوي قىسقىلىقى ۋە باشقا ئىچكى ئاجراتما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىكلەرنى ئاساسلىقى مۇشۇ بۆلۈم كۆرىدۇ.)
تۆۋەندىكى ئادرىستىن، 0 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بويى ۋە ئېغىرلىقى قانچە ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار.
تۆۋەندىكى ئادرىستا يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ بوي ئۇزۇنلۇقى، ئېغىرلىقى، باش ئايلانمىسى، ۋە بەدىنىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار بار.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
+1
+1
+1
+1
+1
+1