ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبوۋاققا دورا ئىچۈرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

بوۋاققا دورا ئىچۈرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. بوۋاققا دورىنى ئەڭ ياخشىسى ئېمىتىشتىن بۇرۇن ئىچۈرۈش كېرەك. چۈنكى بوۋاق ئېمىپ بولغاندىن كېيىن قورسىقى تويغاچقا دورا ئىچىشكە ئۇنىمايدۇ ياكى قورسىقى بەك تويۇپ كەتكەچكە ئىچكەن تەقدىردىمۇ ياندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

2 . بوۋاقلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى مۇكەممەل يېتىلىپ بولمىغاچقا، ئادەتتە ئۇلارغا سۇيۇق، ئاسان ئىچۈرگىلى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش؛ تابلېتكىلىق ياكى كومۇلاچ دورىلار بولسا ئالدى بىلەن ئۇلارنى يانجىپ ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىچۈرۈش كېرەك. ئەگەر دورىنىڭ تەمى بەك قىرتاق بولسا، ئازراق شېكەر قوشۇۋەتسىمۇ بولىدۇ.

3. دورىنىڭ ئۆپكىسىگە كەتمەسلىك ئۈچۈن بوۋاقنىڭ بېشى بىلەن مۈرىسىنى ئېگىز قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن قوشۇق بىلەن ئىچۈرۈش كېرەك.

بوۋاققا دورا ئىچۈرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

ئۇندىن باشقا، تېمىتىش نەيچىسىنىڭ ئىچىگە سۈمۈرتۈپ ئەكىرىپ، بوۋاقلارنىڭ شوراش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئىچۈرۈش كېرەك.

ئەگەر دورا پاراشوكىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، دورىنى ئەمچەك توپچىسى ئۈستىگە سۈرتۈپ، بالىنى ئەمدۈرۈش ئارقىلىق ئىچۈرسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر بوۋاق دورىنى يۇتۇۋېتىشكە ئۇنىمىسا، ئاتا-ئانىلار ئىككى بارمىقى بىلەن بوۋاقنىڭ ئىككى مەڭزىنى ئاستا ئۇۋۇلاپ بېرىش، ھەرگىز بۇرنىنى سىقىپ مەجبۇرى ئىچۈرمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدا ئاسانلا دورا كانايغا تۇرۇپ قېلىپ نەپەس توختاپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ.

مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللانمايلى دورىنى ئىچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بالىنى كۆتۈرۈپ دۈمبىسىگە ئاستا ئۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭدا دورىنى ياندۇرۇۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، بوۋاقنى ياتقۇزغاندا بېشىنى بىر يانغا سىڭايان قىلىپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭدا قۇسۇقنى يۈتۈۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-27 / 04:15:17

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ