ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبوۋاققا قاراشتا دىققەت قىلىدىغان بەش تەپسىلات

بوۋاققا قاراشتا دىققەت قىلىدىغان بەش تەپسىلات

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇنلىغان ياش ئانىلار بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن «ئازادلىق»غا چىقىمەن دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە ناھايىتى تەستە تۇغۇتتىن ئازاد بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى «ئاۋارىچىلىك»لەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئېمىتىشنى بىلمەسلىك، كۆتۈرۈشنى بىلمەسلىك، زاكا ئالماشتۇرۇشنى بىلمەسلىك، تىرنىقىنى قانداق ئېلىشنى بىلمەسلىك…ئانىلارنى تۈگمەيدىغان ئىشلار كۈتۈۋالغان بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش تەس دېسە تەس، ئاسان دېسە ئاسان. نېمىلا دېگەن بىلەن «ئىنسان بالىلىرى» ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن تىپتىكى «زاۋۇت»تىن چىقىدۇ، ھەر بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىسىمۇ ئاساسەن ئوخشاش. ئاتا-ئانىلار بۇ قانۇنىيەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشەنسە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلىنالايدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەش چوڭ تەپسىلات

بىرىنچى تەپسىلات: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق توڭلىدىمۇ-يوق، پوسما كىيسە بولامدۇ-يوق؟

تەكلىپ: ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار دائىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ توڭلاپ كېتىشىدىن، باش قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشىدىن، ئاغرىپ قېلىشىدىن، ھەتتا ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىغا پوسما كىيدۈرۈپ قويىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە بالىغا پوسما كىيدۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىسسىق ساقلاش بولۇپ، بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

بالىغا پوسما كىيدۈرۈشكە كەلسەك، شۇ چاغدىكى ئۆي تېمپېراتۇرىسىغا قاراش كېرەك. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، سوغۇقتىن ھەم ئىسسىقتىن قورقىدۇ، شۇڭا ئامال بار بوۋاق تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 22-24 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ساقلاش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئەگەر ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇپ، بۇ تېمپېراتۇرىغا يەتمىسە، بالىغا قېلىنراق كىيدۈرۈپ ھەم پوسما كىيدۈرۈپ ئىسسىق ساقلاش كېرەك.

 

ئىككىنچى تەپسىلات: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دائىم يۈزىنى تاتىلىۋالىدۇ، بۇنىڭدا پەلەي كىيدۈرۈپ قويۇش كېرەكمۇ؟

تەكلىپ: قىرىقى ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ھەرىكىتى تېخى ئۇنچە جانلىق ئەمەس، بوۋاقلار ھەرىكەت قىلغاندا دائىم ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈزىنى تاتىلىۋالىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىيدۇ، ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار بالىغا پەلەي كىيگۈزۈپ قويىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ باسقۇچتىكى بوۋاقلار، ئەتراپتىكى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇشتا ئاساسلىقى ئىككى قول ۋە ئىككى پۇتىغا تايىنىدۇ. ئەگەر بالىغا پەلەي كىيگۈزۈپ قويغاندا، بالىنىڭ پائالىيىتىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بالا ئەتراپتىكى نەرسىلەر بىلەن تېگىشكەندە توغرا ھېس قىلالمايدۇ، يەنە بالىنىڭ سېزىش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، ئەگەر پەلەينىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ئىچىدە يىپ ئۇچى بولسا، يەنە بالىنىڭ بارمىقىنى يۆگىۋېلىپ خەتەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىغا پەلەي كىيدۈرمەسلىك، يۈزىنى تاتىلاشتىن ئەنسىرىسە بالىنىڭ تىرنىقىنى پات-پات ئېلىپ قويۇش كېرەك.

ئۈچىنچى تەپسىلات: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تىرنىقىنى ئېلىپ قويۇشقا بولامدۇ-يوق؟

تەكلىپ: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى تېز، تىرنىقى تېز ئۆسىدۇ، پات-پات ئېلىپ تۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى تەپسىلات: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىكىنى قانداق قىلغاندا ياخشى پەرۋىش قىلغىلى بولىدۇ؟

تەكلىپ: قۇرغاق ساقلاپ، ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانىسى بىلەن بولغان باغلىنىشلىق كىندىك بېغى كېسىلگەچكە، بالىنىڭ قورسىقىدا كىندىكنىڭ قالدۇق ئۇچى قالىدۇ، بۇ بىر يارا ئېغىزىغا باراۋەر بولۇپ، ياخشى پەرۋىش قىلىپ، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. پەرۋىش جەھەتتە، دوختۇرخانىدىن چىققاندا دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ھەر كۈنى توغرا دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن باشقا، شۇ ئورۇننىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا، سۇ تېگىپ ھۆل بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن: يۇيۇنغاندا كىندىك چاپلىقى چاپلاش، بوۋاقنىڭ سۈيدۈكىنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار.

بەشىنچى تەپسىلات: تۇغۇلۇپ نەچچە كۈن بولمايلا كاسسىسى قىزىرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

تەكلىپ: پات-پات قەغەز زاكا ئالماشتۇرۇپ، بالىنىڭ ساغرىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، بوۋاقلاردا قىزىل كاسسا پەيدا بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ قەغەز زاكا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى پەرۋىش قىلمىغانلىقىدىن بولىدۇ. سۈپىتى ھەر قانچە ياخشى قەغەز زاكا بولسىمۇ، بىر كۈن كىيىپ ئالماشتۇرمىسا يەنىلا قىزىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا بالىنىڭ ساغرا تېرىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. مەسىلەن: ھەر قېتىم قەغەز زاكا ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇپ، ئاندىن تەبىئىي قۇرۇتۇش كېرەك، مۇۋاپىق مىقداردا ساغرا ئاسراش مەلھىمى سۈرۈپ ئاندىن قەغەز زاكا كىيدۈرسە، قىزىل كاسسا پەيدا بولۇشىدىن زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ.

مەنبە: https://m.nur.cn/news/2023/12/17809105.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ