ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەربۇ ئاشخانىدىكى ئۇستاملارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز بىمارى

بۇ ئاشخانىدىكى ئۇستاملارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز بىمارى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كانادادا شۇنداق بىر ئاشخانا بار، بۇ ئاشخانىدىكى ئاشپەز ۋە مۇلازىملارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار. ئۇنداقتا بۇ ئاشخانىغا بىرمۇ ئادەم كىرمەيدۇ دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئېغىر خاتالاشقان بولىسىز.

بۇ ئاشخانىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 14 نەپەر ئاشپەز قىسقىغىنا ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت مەزگىلىدە 100دىن ئارتۇق خېرىدار ئۈچۈن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىغان.

بەلكىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئاشخانىدا ئىشلەپ باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىغا ھەيران قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇ كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىش، خاتا چۈشىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان.

گەرچە ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەردە ئەيدىز ۋىرۇسىغا نىسبەتەن خاتا چۈشىنىش مەۋجۇت، دەل مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىشلەر سەۋەبلىك ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزى ئويلىغان مەدەت، غەمخورلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ.

«ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى ئەتكەن تاماقنى يەمسىز؟» دەپ سورالسا كىشىلەر ھەر خىل جاۋابلارنى بېرىشىدۇ:

-مەن يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن، ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالسام قانداق قىلىمەن.

-يۇقۇملىنىپ قالمايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن، ئەيدىز ۋىرۇسى دېگەن ئانىدىن بالىغا، قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان تۇرسا، تاماق يېگەنگە يۇقۇپ قالمايدۇ.

-ئەگەر ئاشپەز ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقىنى كېسىۋالسا……

ئەمەلىيەتتە سىز بۇ خىل كېسەلدىن قورققان ۋاقىتتا مەيلى باشقىلار نېمە دېسۇن قۇلىقىڭىزغا كىرمەيدۇ، پەقەتلا بۇ كېسەللىكنى چۈشەنگەندە ئاندىن بۇ خىل قورقۇنچ پەسىيىشى مۇمكىن.

1. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش ۋە ياكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىغا تېگىپ كېتىش قاتارلىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

2. ئاشپەزنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقىنى كېسىۋېلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشپەز بارمىقىنى كېسىۋېلىپ قان ئېقىپ كەتكەن تاماقنى ئەلۋەتتە خېرىدارغا بەرمەيدۇ.

3. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇزاق ياشىيالمايدۇ.

4. ئەيدىز ۋىرۇسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش يولىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئېنزىملار ئۇنى پارچىلاپ تاشلايدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسىغا بولغان خاتا چۈشىنىشلەرنى توغرىلىغاندىلا ئاندىن كېسەللىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17806412.shtml

https://www.theguardian.com/world/2017/nov/08/canada-toronto-restaurant-hiv-aids-kitchen-staff-stigma

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-12 / 09:26:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ