توۋتياۋ تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى
1. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى
خۇش خەۋەر شۇكى، ھەممىلا ماي سىزگە زىيانلىق ئەمەس. ئەمما، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ماي تۈرى ھەقىقەتەن چوڭ مېڭىگە زىيانلىق. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى تەبىئىي ھالدا ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ گۆش ۋە سۈت تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ھەر خىل ئورالما يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى سانائەتتە ئىشلىتىدىغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بەدەنگە تېخىمۇ زىيانلىق.
سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ھىدروگېنلاشقان ماي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېرىق ماي، ماگىزىندا سېتىلىۋاتقان قاقلانغان يېمەكلىكلەر، بەرەڭگە ياپراقچىسى ۋە پېچىنە-پىرەنىك، توڭلىتىلغان كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر ئاسانلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئىستېمال قىلسا، ئادەمنىڭ بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەجىمى كىچىكلەپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
2. قەنت تەركىبلىك ئىچىملىك
سودا سۈيى، تەنھەرىكەت ئىچىملىكى، ئېنېرگىيە ئىچىملىكى، ھەتتا مېۋە شەربىتىدىن ئىبارەت قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنىڭ ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق. شېكەر تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى دائىم ئىچسە، بىر مۇنچە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى خولېستېرىن، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى ياكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
فرۇكتوزا بىر خىل يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تاتلىق تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، تەركىبىدە شېكەر بولغان نۇرغۇن ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىدە فرۇكتوزا بار، فرۇكتوزىنى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلسا، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، مېڭە ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە چوڭ مېڭىدىكى يېڭى نېۋروننىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇ يەنە مېڭە ياللۇغىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ بارلىق تىپتىكى مېڭە ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. ساپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرى
ساپ كاربون سۈيى بولسا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دانلىق زىرائەتلەردىن ياسالغان يېمەكلىك. ئۇلارنىڭ تاتلىق بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئۇلار سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ناھايىتى تېزلا قەنتكە پارچىلىنىدۇ. چۈنكى، ساپلاشتۇرۇش جەريانى ئىپتىدائىي دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بارلىق تالالىرى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئايرىۋېتىدۇ. تەركىبىدە بىر ۋاق ساپ كاربون سۈيى بار تاماق سىزنىڭ قان شېكىرىڭىزنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
بۇ بارلىق شېكەرنى بىۋاسىتە يېيىش بىلەن ئوخشاش بولغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جۈملىدىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، ياللۇغلىنىش ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساپ كاربون سۈيىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بالىلارنىڭ تىلسىز ئەقلىي قابىلىيەت سىنىقىدىكى نومۇرى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. ھەر كۈنلۈك تامىقىدا ساپ كاربون سۈيى % 58 تىن ئېشىپ كەتكەن ياشانغانلارنىڭ روھىي زەخىملىنىش ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى دانلىق زىرائەت، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى تېخىمۇ كۆپ يەيدىغان ياشانغانلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
4. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋە ئورالغان يېمەكلىكلەرگە تەبىئىي يېمەكلىكلەردىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن شېكەر، ياغ ۋە تۇز قوشۇپ ياسىلىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان غەربنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، بۇ خىل يېمەكلىكلەر قولايلىق ھەم تېز پىشىدۇ، ئاستا- ئاستا پىشۇرۇلغان ئائىلە تامىقى ئەمەس. ھەممىمىز بىلىمىز، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراش، بەزىدە راستتىنلا ئۆزى قىيام، تەم تەڭشىگۈچ، ئىتالىيە چۆپى ۋە قاقلانغان يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ.
لېكىن، مۇھىمى، تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك يېيىش كېرەك، چۈنكى غەربنىڭ يېمەك-ئىچمىكى مۇھىم ئىچكى ئەزالارنى ياغ قاپلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مېڭە توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەجىمىنى ئازايتىدۇ. ئۇ يەنە قان بىلەن مېڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ پەردە دەل مېڭىنىڭ ماددىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماسلىقىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
5. ئىسپىرت
ئىسپىرتنىڭ چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە شەك كەتمەيدۇ، كۆپ ئىچىۋالغانلار قىلغان ئەخمىقانە ئىشلارنى كۆرۈپ باقساقلا چۈشىنەلەيمىز. ئاندا-ساندا بىر رومكا ھاراق ئىچىپ قويسا چوڭ زىيىنى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ھاراقنى كۆپ ئىچسە ئېنىقلا زىيىنى بولىدۇ.
ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش مېڭە سىغىمچانلىقىنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ ھەمدە چوڭ مېڭىنىڭ ئالاقە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىغا كاشىلا قىلىدۇ. ھاراقكەشلەر يەنە دائىم ۋىتامىن B 1 كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كولساكوف يىغىندى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل يىغىندى كېسەللىك ئېغىر دەرىجىدە مېڭە زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرۇپ، دەلدۈگۈنۈش ۋە ئارىلاپ كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. سىماب تەركىبى يۇقىرى بېلىقلار
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بېلىق تۈرىدىكىلەر ساغلام يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ياغ تەركىبى تۆۋەن، يەنە كېلىپ تەركىبىدە ساغلام بولغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B 12، سىنك، تۆمۈر ۋە ماگنىي بار. لېكىن، بەزى بېلىقلارنىڭ سىماب مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، سىماب بىر خىل ئېغىر مېتال بۇلغىمىسى ۋە نېرۋا زەھىرى ھېسابلىنىدۇ. سىماب ھايۋانات توقۇلمىلىرىدا (ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىدۇ.
ئۆمرى بىر قەدەر ئۇزۇن ھەمدە ئوۋلىغۇچى تۈرىدىكى بېلىقلارنىڭ گۆشى ئىچىدىكى سىماب مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا سىماب تەركىبى تۆۋەنرەك باشقا بېلىقلارنى يەۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆمرىدە تېنىدىكى يىغىلىپ قالغان سىماب سەۋىيىسى ئۇلار تۇرۇشلۇق سۇ دائىرىسىنىڭ 1 مىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تۇننۇس بېلىقى، شەمشەر بېلىق، لوفېي بېلىقى، ئاتلانتىك ئوكيان ئاكۇلا بېلىقى، لەھەڭ ۋە چاسا باشلىق بېلىقنى ئاز يەپ، چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك .
7. سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچى
بىز سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچى ئارقىلىق شېكەر ئېلىپ كەلگەن زىياندىن ساقلىنالمايمىز. گەرچە بۇ خىل شېكەر تۈرىدىكى سەپلىمە بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى بىخەتەر دەپ قەسەم قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئۇنىڭ ھەرىكەت ۋە بىلىش بىلەن بولغان باغلىنىشىنى بايقىدى. بىر خىل خىمىيىلىك سېزىمچانلىق مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشكە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، سىناققا قاتناشقۇچىلار پەقەت سەككىز كۈنلا كۆپ مىقداردىكى سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، روھىي سىناق نومۇرى تۆۋەنلەپ كەتكەن ھەمدە تېخىمۇ ئاسان غەزەپلەنگەن ھەم خامۇشلۇق كەيپىياتىدا بولغان. يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شېكەرسىز ئىچىملىكنى كۆپ مىقداردا ئىچكەن (شېكەرنىڭ ئورنىغا سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچىنى ئىشلەتكەن) كىشىلەرنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلى ياكى سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ھازىرقى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق، F D A سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچىنى بىخەتەر دېگەن، لېكىن تەركىبىدە سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچى بار مەھسۇلاتلارنىڭ ئورالمىسىغا چوقۇم سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچى بارلىقىنى ئەسكەرتىشنى بەلگىلىگەن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6760634.shtml