توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مېنىڭ چۈشتە ئۇخلايدىغان ئادىتىم بار، ھەر قانچە ئالدىراش بولساممۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئازراق ئۇخلىۋالسام چۈشتىن كېيىنكى رۇھىي ھالىتىم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە چۈشلۈك ئۇيقىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت، بەزى كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتكە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر چۈشتە ئۇخلاشنىڭ پۈتۈنلەي ھاجىتى يوق، چۈشتە ئۇخلىمىسىمۇ چۈشتىن كېيىن يەنىلا ياخشى بولغان روھىي ھالەتنى ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
1. چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ زادى زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يوق؟ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟
ئادەتتە چۈشلۈك ئۇيقۇنى مۇۋاپىق ئۇخلىسا، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۈرەك بېسىمىنى يەڭگىللەتكىلى، يۈرەك مۇھىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
ئەلۋەتتە، چۈشلۈك ئۇيقۇ دېگەنلىك ئىككى سائەت ياكى ئۈچ سائەت ئۇخلىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى 20 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، يەنى چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاشنىڭ سالامەتلىككە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.
2. ھەر كۈنى چۈشلۈك ئۇيقۇنى داۋاملاشتۇرغان ئادەم بىلەن چۈشتە ئۇخلىمايدىغان ئادەمنىڭ بەدىنىدە قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟ قانچىلىك ئۇخلىسا بىر قەدەر مۇۋاپىق ؟
(1) روھىي ھالەت ئوخشىمايدۇ
بەزى كىشىلەرنىڭ كەچلىك ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىككىنچى كۈندىكى خىزمەت ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. لېكىن ئەگەر چۈشتە مۇۋاپىق مىقداردا ئۇيقۇ تۇلۇقلىسا، بەدەندىكى ھارغىنلىقنى يەڭگىللىتىپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.
(2) چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئوخشىمايدۇ
ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن دەپ، سەھەردە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەڭ سەگەك بولىدۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر چۈشتە قىسقا ۋاقىت ئارام ئالسا، چوڭ مېڭىنىڭ سەگەكلىك دەرىجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
(3) كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوخشىمايدۇ
كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت قىلغاندا ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئىشلىتىدۇ، دائىم كومپيۇتېرغا قاراش كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر چۈشتە 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئالسا، كۆزنى دەم ئالدۇرۇپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
3. چۈشلۈك ئۇيقۇغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىشنى بىلىۋېلىشىڭىز لازىم
(1) چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە ئادەمدە تېخىمۇ ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
(2) چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى 15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ.
(3) ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا يۇڭ ئەدىيال ياكى ياستۇق قويۇپ قويسا بولىدۇ.
(4) بەزى كىشىلەر ئۇخلىغاندا ئادەتتە ئۈستەل ئۈستىدە دۈم يېتىپ ئۇخلايدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت بىر خىل ھالەتنى ساقلىغاندا بوينىنىڭ قېتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇنداقلا بىلىكى ئۇيۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئۇخلىغاندا ئامال بار ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئۇخلىسا ياخشى، ئەلۋەتتە U شەكىللىك ياستۇق قويۇپ ئۇخلىسىمۇ بولىدۇ.
چۈشلۈك دەم ئېلىشنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى يەنىلا ناھايىتى زور، چۈشلۈك دەم ئېلىش ئادىتى يوق كىشىلەرگە نىسبەتەن، چۈشلۈك دەم ئېلىش ئادىتى يېتىلدۈرسە، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەنبە: