ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(1)

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(1)

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(1)

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(2)

1. سىزگە ئىتىۋار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى سىزگە كوڭۇل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يورۇش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۇچۇن مېھرىبانلىق ۋە سويگۇڭىزنى ئىپادىلەش ئاخماقلىق بولىدۇ.

2. ھەر قانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۇچۇن ئازابلانما، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ.. بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ئەرزىمەيدۇ چۈنكى بەكرەك ئازاپلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز شۇڭا ئازاپلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ خوشال ياشاشنى بىلىڭ.

3. ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ،سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز..

4. ئەگەر يىگىت سىزگە :”ئايرىلىپ كېتەيلى!..” دېگەندە ھەرگىز كۆز يېشتى قىلىپ يۈرمەڭ،غەيرەتلىك بولۇپ كۇلۇپ تۇرۇپ :”خوش!” دەڭ.

5. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئوزىڭىزگە مۇئامىلىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ.

6. ھەر كۇنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ كۇلۇمسىرەپ چىقىڭ.

7. يىگىتىڭىز ئۇچۇن كۇلۇمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ.

8. بەدەن شەكلى ۋە تەرىڭىزنى ئاسىراشنى بىلىڭ.

9. تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ.

10.ئىچىڭىز پۇشىپ كەتسىمۇ قاۋاقخانىلارغا بېرىپ يۈرمەڭ،يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.

11. ھەرگىز يالغان ھېسىياتتا بولماڭ، بۇنداق قىلىش يۇرۇكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ.

12. ئېگىز پاشىنىلىق ئاياق كىيىپ يۇرۇڭ، بىراق بەك ھەددىدىن ئىگىز بولۇپ كەتمىسۇن.

13. يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى :”ياخشى كورىمەن” دىگەن ئىنساننىڭ نىمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ.بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ.

14. ئومۇرلۇك ھەمرىيىڭىزنى تاللىغاندا كوزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ. ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز ۋاختىدا ئايرىلىپ كېتىڭ. سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ.بۇ ئىككىڭلار ئۇچۇن ياخشى.

15. يىگىتلەرگە قول ئۇزارتماڭ. چۈنكى بىرىنجىدىن: سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز. ئىككىنجىدىن: سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ .. شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى.

16. دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساھايەت قىلىپ كېلىڭ.بۇ سىزنى ناھايىتى ئۇمۇتلۇك ۋە روھلۇق قىلىدۇ.

17. دائىم ئۆزىڭىزگە تەملىك چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاپ كۆرۇپ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.

18. ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچىك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۇستى بېشغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ.

19. سىز ياخشى كورمىگەن يىگىتنىڭ سوغىسىنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ.

20. بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۇڭ .

21. ئوزىڭىزنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

22. ئوزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇن تەڭسىزلىك بولىدۇ. ھەمدە ھىسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.

23. سىز ياخشى كورمىگەن يىگىت ئەتىراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھىسياتىڭىزنى ئەنىش ئىپادىلىشىڭىز كېرەك.

24. خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. خىزمەت بەلكىم سويگۇدەك يۇرىكىڭىزنى تىتىرىتەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قوسۇغىڭىزنى تويغۇزىدۇ، تۇرغىدەك ئۆيگە ئىگە قىلىدۇ. بىراق مۇقۇملاشمىغان سويگۇ سىزگە بۇلارنى بېرەلمەيدۇ…. شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ.

25. ئىللىق كەيپىيات ساقلاشنى بىلىشىڭىز كەمەك. قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:11:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ