PPD تېرە سىنىقى بىر خىل تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى تەكشۈرۈشتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇل. ئۇ تېرىگە ساپ ئاقسىل تۇغۇندىلىرى ( Purified Protein Derivative ،قىسقارتىلىپ PPD دېيىلىدۇ ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇقنى ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىنكاسىنى غىدىقلاپ، بىر ئادەمنىڭ ئىلگىرى تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن ئۇچراشقان – ئۇچراشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە: تۇبېركۇليۇز PPD تېرە سىنىقى
ئىنگىزچە: Tuberculosis PPD Skin Test
خەنزۇچە: 结核病PPD皮肤测试
تۈركچە: Tüberküloz (Verem) PPD cilt testi
PPD تېرە سىنىقى قىلغاندا ،دوختۇر سىزنىڭ بىلىكىڭىزگە ئاز مىقداردا PPD ئوكۇلى ئۇرىدۇ. ئەگەر بەدىنىڭىز ئىلگىرى تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن ئۇچرىشىپ باققان بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىز بۇ خىل سۇيۇقلۇققا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوكۇل ئۇرۇلغان ئورۇندا قىزىرىپ ئىششىش ۋە قاتتىق تۈگۈن پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، دوختۇر 48 سائەتتىن 72 سائەتكىچە ئوكۇل سالغان ئورۇننىڭ ئىنكاس ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئىنكاس بىر قەدەر كۈچلۈك بولسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ،PPD تېرە سىنىقى سىزنىڭ ھەرىكەتچان تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان – بولمىغانلىقىڭىزنى بەلگىلىيەلمەيدۇ ،شۇنداقلا يوشۇرۇن تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بىلەن ھەرىكەتچان تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ،ئەگەر سىزنىڭ PPD تېرە سىنىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى مۇسبەت بولسا ،دوختۇر سىزگە باشقا تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ ،تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.
مەزكۈر سىناق ئائىلە دوختۇرى ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرى تەۋسىيىسى ئاستىدا تۇبىركۇليۇزغا قارشى مەركەزدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
رەسىمدىكى بىمارنىڭ سىناق قىلىنغاندىن 72 سائەتتىكى مۇسبەت چىققان كۆرۈنۈشى. 16 مىللىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىش بولغان. ئەمما بۇ ھازىرچە بىماردا ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۇبىركۇليۇز بارلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىيالمايدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش ۋە كۈزىتىش ئېلىپ
بېرىش لازىم.
ئەگەر ئۆزىڭىزدە ياكى يېقىنلىرىڭىزدا تۇبىركۇليۇزدىن شۈبھىلەنسىڭىز ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈپ بېقىڭ