ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۇزۇن دەم ئېلىش- ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، پىسخىكىمىزنى تەڭشەشتىكى ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا دەم ئېلىش مەزگىلىدە قانداق قىلىپ پىسخىكىمىزنى ھەر ۋاقىت ياخشى تەڭشىيەلەيمىز؟ تۆۋەندە دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۆپ يولۇقىدىغان پىسخىكىلىق ئالامەتلەر ۋە ئۇلارغا قانداق يۈزلىنىش ھەققىدە ساۋات سۆزلەيمىز.
1. ساياھەتتىكى روھىي تەشۋىشلىك ئالامىتى
دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەتكە چىقىشنى تاللايدۇ. ئەمما سەپەر جەريانىدىكى ھارغىنلىق ھەمدە قاتناش ۋاستىلىرىدىكى قىستاڭچىلىق، دىمىقچىلىق، شاۋقۇن-سۈرەن كىشىلەردە زىيادە چارچاش ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش ھەمدە روھىي تەشۋىشلىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پىسخىكىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: ساياھەتكە چىققاندا ساياھەت پىلانىنى بەك زىچ تۈزۈۋالماسلىق، ساياھەت جەريانىدا ئارام ئېلىشقىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ۋاقتىدا سۇ ۋە ئېنېرگىيە تولۇقلاش، ئۇيقۇسى ناچار، بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان كىشىلەر كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى يىراق يەرگە سەپەر قىلماسلىق كېرەك.
2. بايرامدىكى پىسخىكىلىق تۇراقسىزلىق ئالامىتى
دائىم جىددىي خىزمەت ھالىتىگە كۆنگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، بىراقلا ئۇزۇن دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇلار راھەت تۇرمۇش ھالىتىگە دەرھال كۆنۈپ بولالمايدۇ. چۈنكى بىردىنلا جىددىي ھالەتنى بوشاشتۇرۇپ قويسا، ئەسلىدىكى جىددىي رىتىمغا ماسلاشقان پىسخىك ھالەت ئازادە تۇرمۇش رىتىمىغا دەماللىققا ماسلىشىپ بولالمايدۇ ۋە تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، بەدىنى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.
پىسخىكىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: بايرام مەزگىلىدە پىسخىكىلىق تەييارلىقنى ياخشى قىلىش ھەمدە ئاكتىپ پىسخىكا يېتىلدۈرۈش، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بايراملىق دەم ئېلىشتا، دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش، مەسىلەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش، مۇزىكا ئاڭلاش، ياخشى كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلار. دەم ئېلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پىسخىكىنى جىددىي ھالەتتىن ئاستا-ئاستا راھەت ھالەتكە يۈزلەندۈرۈشكە بولىدۇ.
3. نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن پەيدا بولغان پىسخىك ئالامەتلەر
دەم ئېلىش مەزگىلىدە بىر قىسىم كىشىلەر دەرھال راھەت ھالەتكە قايتىپ بولالمايدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر دەم ئېلىشقا چىقىپلا ئۆزىنىڭ ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدىن قۇتۇلۇپ بىراقلا ئازادە تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا تۈرلۈك يىغىلىش، سورۇنلاردا ئۆزىنى تاماق ۋە ئىچىملىكتىن تارتالماي بولۇشىغا يەپ ئىچىش، كېچە-كۈندۈز ماجاڭ، قارتا ئويناش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بەدەننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ئاشقازان ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە بەدەن مېتابولىزىملىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
پىسخىكىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سورۇنغا بارغاندا زىيادە يەپ ئىچىشتىن ساقلىنىش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنداقلا تۈنەشتىن ساقلىنىپ، دەم ئېلىش بولسىمۇ يەنىلا نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
4. بايرامدا خىزمەت قىلىشتىن شەكىللەنگەن پىسخىكىلىق بېسىم
قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئارام ئالسىمۇ، ئەمما يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك، دەم ئېلىشنى قويۇپ داۋاملىق خىزمەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلاردا تەشۋىشلىنىش، ئىچى تىتىلداش قاتارلىق كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ، ھەتتا خىزمەتتىن قورقۇش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ، ھەمدە باش ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق بەدەن بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ۋاقىتنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرغاچقا، بەدەندىكى بىيولوگىيەلىك سائەت قانۇنىيەتلىك ھالىتىنى يوقىتىپ، ئىشقا بارغاندا بەدەن يەنىلا قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ھالىتىگە كىرىپ بولالمايدۇ.
پىسخىكىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، يېتەرلىك ئۇخلاش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، بىراقلا كۆپ يېيىش ياكى تاماققا ئېتىبار بەرمەسلىكتىن ساقلىنىش، ئۆزىنى بىراقلا بوشاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر تەشۋىشلىنىش، قورقۇش ئالامەتلىرى روشەن بولسا، ۋاقتىدا پىسخىكا دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
ئەسلى مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17574849.shtml
Allah razi olsun ,yahxi mezmu n iken
ئاللاھ رازى بولسۇن دۇختۇر