ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار كېسەللىكلىرىدېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن ئالزېيمېر كېسىلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن ئالزېيمېر كېسىلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىلىنىكىدا، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك (dementia) كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بىر قەدەر روشەن بولغاندا، ئاندىن ئائىلە ئەزالىرى كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزى ياشانغانلار ياكى ئائىلە ئەزالىرى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى نورمال قېرىش دەپ قارايدۇ، بەزى ياشانغانلار ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ، بەرىبىر داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، دوختۇرخانىغا بارسىمۇ پايدىسى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ قاراش خاتا.

ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى

دېۋەڭلىك (dementia) كېسىلى بىر خىل كىلىنىكىلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى يادرولۇق كېسەللىك ئالامىتى قىلغان ئېرىشمە ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىلىش ئىقتىدارى ئەستە ساقلاش، تىل ئىقتىدارى، كۆرۈش بوشلۇقى ئىقتىدارى، دىققەت قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە زىيانغا ئۇچرايدۇ ھەمدە خاراكتېر ئۆزگىرىشى، روھىي ھەرىكەت نورمالسىزلىقى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئالزېيمېر كېسىلى (Alzheimer’s disease) ئېنىق كلىنىكىلىق ۋە پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بولغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئۇ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى بولۇپ، دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ%50-%70ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىشى يوشۇرۇن بولۇپ، ئەڭ تىپىك ئىپادىسى تەدرىجىي ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئۇنىڭغا يەنە تىل، ئىجرا، كۆرۈش بوشلۇقى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە ھەرىكەت نورمالسىزلىقى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

ئالزېيمېر كېسىلى گەرچە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دېۋەڭلىك كېسىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن ئوخشاش ئەمەس، دېۋەڭلىكنىڭ يەنە نۇرغۇن تۈرلىرى بار، مەسىلەن، قان تومۇر خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك كېسىلى، پېشانە-چېكە ياپراقچە دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە پاركىنسون كېسىلى دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىقلار.

 

دېۋەڭلىك كېسىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ

دېۋەڭلىك كېسىلى بىر خىل كىلىنىكىلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، گەرچە ئالزېيمېر كېسىلى قاتارلىق نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان دېۋەڭلىك كېسىلىگە قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئاساسلىقى كېسەلگە قاراپ داۋالاش، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە پەرۋىش قىلغۇچىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بولۇپ، يەنىلا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، لېكىن بارلىق دېۋەڭلىك كېسىلى ئىچىدە تەخمىنەن%8ى تەتۈر بولىدۇ، مەسىلەن، نورمال بېسىم خاراكتېرلىك مېڭە سۈيى يىغىلىش، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق مېڭە ياللۇغى، سىفلىستىن يۇقۇملىنىش، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان دېۋەڭلىك كېسىلىنى ۋاقتىدا بايقاش ھەمدە سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئارقىلىق دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى يوقاتقىلى ياكى قىسمەن يوقاتقىلى بولىدۇ.

 

بۇ يەردە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر نەچچە خىل تەتۈر تىپلىق دېۋەڭلىك كېسىلىنى تونۇشتۇرىمىز.

1. نورمال بېسىم خاراكتېرلىك مېڭىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش: ئاساسلىق ئىپادىسى مېڭىش ھالىتى توسالغۇغا ئۇچراش، بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ئۈچ بىرلەشمە ئالامىتى بار.

2. ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق دېۋەڭلىك كېسىلى: ئىممۇنىتېت ۋاسىتىلىك بىلىش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر گۇرۇپپا مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، تىپىك كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى بولسا بىلىش توسالغۇغا ئۇچراش ۋە باشقا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسى.

3. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان دېۋەڭلىك كېسىلى: ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق ئوخشىمىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن يۇقۇملىنىشى دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئىزدەپ، مۇناسىپ يۇقۇملىنىشقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە پالەچلىنىش خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك كېسىلى سىفلىس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ بىر خىل ئاخىرقى مەزگىلىدىكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دائىم كەيپىيات ئۆزگىرىشى، خاراكتېر ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك يوشۇرۇن قوزغىلىش، ئالدىنقى مەزگىللىك يۇقۇملىنىش (كېسەللىك ئالامىتى كۆپىنچە يۇقۇملىنىپ 10-30 يىلدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ) قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پالەچ خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك كېسىلى بەزىدە خاتا ھالدا ئالزېيمېر كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.

4. ئوزۇقلۇق مېتابولىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كەلتۈرۈپ چىقارغان دېۋەڭلىك: نۇرغۇن ئوزۇقلۇق مېتابولىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسەللىكلىرىمۇ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمتۈكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ھىپوفىز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ۋىتامىن كەملىك، ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش، جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى، ئىسپىرتنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىقلار. بىرلەمچى كېسەللىكنى ئاكتىپ داۋالىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ھورمۇن ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نورمالسىزلىقىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ، بىلىش ئىقتىدارىمۇ ياخشىلىنىدۇ، ھەتتا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

ئەگەر ئائىلىدە ياشانغانلاردا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلسە، دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك:

▲ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش.

▲ تونۇش پائالىيەتلەرنى ئىجرا قىلىش تەس.

▲ گەپ قىلغاندا مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك.

▲ ۋاقىت ۋە ئورۇننى ئېنىق بىلەلمەسلىك.

▲ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش.

▲ ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالماسلىق.

▲ نەرسىنى خاتا قويۇپ قويۇش.

▲ كەيپىيات ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى.

▲ كۆرۈش سېزىمى ۋە بوشلۇق سېزىمىدە توسالغۇ پەيدا بولۇش.

▲ خاراكتېرى غەلىتە بولۇپ قېلىش.

دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا تۆۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭ داۋالىغىلى بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:

بىلىش ئىقتىدارى چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ھالدا تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدۇ.

كېسەل قوزغىلىش يېشى كۆزلىگەن يېشىدىن كىچىك بولىدۇ.

بىلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك داۋالغۇپ تۇرىدۇ.

جىددىي خاراكتېرلىك ياكى ئاستا خاراكتېرلىك يۇقىرى خەۋپلىك ئاشكارىلىنىش.

خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى قىلمىشلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولۇش.

نېرۋا سىستېمىسى بەدەن تەكشۈرۈشتە بايقالغان چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ياكى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئالامەتلەر.

بىلىش تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە كلىنىكىلىق ئىپادىسى بىردەك بولماسلىق.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2022/12/23553711.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-13 / 10:55:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ