دىيابېت كېسىلى ئىرسىيەتلىك بولىدۇ دىيابېت بىمارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ساغلام ئادەملەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىغاندا دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا دىيابېت كېسىلى بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ دىيابېت كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ
1-ۋە 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئوخشاشلا ئىرسىيەتلىك بولىدۇ. بۇ، ئىرسىيەتلىك دىيابېت كېسىلىنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ئىرسىيىتى. 1-تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە قارىغاندا 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئىرسىيەتلىك دەرىجىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، لېكىن بۇ، دىيابېت كېسەللىكلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى چوقۇم دىيابېت كېسىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپ دىيابېت كېسىلى بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20 تىن يۇقىرى بولمايدىكەن. ئادەتتە دىيابېت بىمارلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى كۆپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاساسەن چۈشىنىدۇ.
يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلسىلا دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ. مۇبادا قاندىكى شېكەر ئازراق يۇقىرىلاپ قالغان بولسا، ئۇلار دەرھال ئامال ئىزدەپ كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قېلىپلا قالماستىن، بەلكى كېسەللىك بولىدۇ ھەم ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەيمىز.
ئەكسىچە دىيابېتنىڭ كېسەللىك ئىرسىيىتى بولمىغانلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى ئاز ھەم دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنىشنى بىلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن 2-تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.