ئامېرىكا يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ( FDA ) يېقىندا donanemab ئىسىملىك يېڭى ئالزېيمېر كېسىلى دورىسىنى تەستىقلىدى ،بۇ ئالزېيمېر كېسىلىنى داۋالاشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ دورىنى ئەلى لىلى شىركىتى ( Eli Lilly and Company ) تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ ،مەقسەت بىمارلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى ئاستىلىتىپ ،ئالجېمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىش.
كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ،donanemab مېڭىدىكى β – كراخمالسىمان ئاقسىل داغلىرىنى نىشانلىق تازىلاش ئارقىلىق رول ئوينايدىكەن ،بۇ داغلار ئالزېيمېر كېسىلىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك پاتولوگىيىلىك داغ ھېساپلىنىدۇ. بىر تۈرلۈك ئۈچ باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە ،donanemab داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمارلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە كۈنىلىك كېسەللىك تەرەققىيات جەھەتتىكى چېكىنىش سۈرئىتى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدىكىلەردىن 35 %ئەتراپىدا ئاستا بولغان.
ئەلى لىلى شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نەتىجە خاراكتىرلىك بۆسۈش، ئالزېيمېر كېسىلى داۋالىنىشى ئۈچۈن يېڭى تاللاش تەمىنلەيدىكەن، بولۇپمۇ بالدۇر دىئاگنوز قويغان ھەمدە كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بىمارلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق ئىكەن. بۇ دورىنىڭ تەستىقلىنىشى بىرىنجى تارماق بولغان aducanumab ( Aduhelm ) دورىسىدىن كېيىنكى 2 – تارماق β – كراخمالسىمان ئاقسىلىغا قارىتىلغان ئالزېيمېر كېسىلى دورىسى FDA تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەمما مۇتەخەسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، گەرچە بۇ دورا كۆرۈنەرلىك داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇن ئەكس تەسىرى ۋە خەتىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يېڭى دورىنى ئىشلىتىشنى باشلىغان بىمارلار يېقىندىن كۈزىتىلىشى ۋە دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك.
مەنبە:
Donanemab Approved for Treatment of Early Alzheimer’s