ھەمياننى ئارقا يانچۇقىڭىزغا سالماڭ . ھەميان ئارقا يانچۇققا سېلىنغاندىن كېيىن ، ئارقا ئولتۇرغۇچ نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ –دە ، تۆۋەنكى بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاندىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ پاقالچەك ۋە ئوشۇق بوغۇمى بىلەن تاپان ئاغرىيدىغانياكى ئويۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ .
كۈندە ئالما يەپ بېرىڭ . 50 ياشتىن ھالقىغان ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئۈچەي راكىغا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ . ئەنگىلىيەدىكى خەير–ساخاۋەت تەشكىلاتى—‹‹ ئۈچەي راكىغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى›› مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ : ھەر كۈنى 18گىرام سېللۇلوزا قوبۇل قىلىپ بېرىڭ . بىر ئالما (پوستى سويۇلمىغان)نىڭ تەركىبىدە تۆت گىرامغىچە سېللۇلوزا بار ، شۇڭا ئالما يەپ بېرىش ئەڭ مۇۋاپىقتاللاش.
گۆشنى ئاز يەڭ . ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ گۆشنى ئاز يېيىش راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ . ئەرلەرگە خاس جاسارەتنى ئۇرغۇتىدۇ›› .
چىش چوتكىسىنى يەنە بىر قولىڭىزغا ئېلىڭ . چىش چوتكىلىغان ياكى ئىستاكان كۆتۈرگەن چاغدا دائىم ئىشلەتمەيدىغان قولىڭىزنى ئىشقاسېلىڭ ، بۇنىڭ چوڭ مېڭىدا يېڭىچە ئەستە تۇتۇش ھۈجەيرىسىنى پەيدا قىلىشقا پايدىسى تېگىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان گومۇشلۇق كېسىلىدىن ساقلىنايسىز.