-
نېمىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسى پەيدا قىلغان سوزۇلما يۇقۇملۇق كېسەلدۇر,ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىڭىزنى بىلگىنىڭىزدىن كېيىن، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا ئىچسىڭىز ئۇنىڭ كېيىن ئەيدىز كېسىلى بولۇپ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز، شۇنداقلا ھاياتىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالايسىز، تۇرمۇشىڭىزمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. خۇددى يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىگە ئوخشاشلا، ئەيدىز بېمارلىرىمۇ ئۆمۈر بويى دورا ئىچىشى، خالىغىنىچە دورىنى كېمەيتمەسلىكى ياكى توختىتىۋەتمەسلىكى كېرەك.
2. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىڭىزنى بىلەلەمسىز؟
ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئادەتتە 8-10 يىللارغىچە كېسەللىك قوزغالمايدۇ، شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى سىرتقى قىياپىتىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئەمەس، پەقەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-مۇداپىيە كۆرۈش مەركىزىگە بېرىپ ياكى داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىلا بىلگىلى بولىدۇ.
3. ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىشتا خەتىرى يۇقىرى قىلمىش نېمە؟
دائىم ئاشنا ئالماشتۇرۇش ھەمدە بېخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش سۈپىتى لاياقەتلىك بىخەتەر قاپچۇق، يەنى ھامىلەدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسىنى ئىشلىتىش كېرەك؛ ئەرلەر ئارا ھەمجىنىسلىق قىلمىش؛ ئارتېرىيەدىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىش ۋە كۆپ كىشى بىر تال شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش.
4. ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالدىم دەپ گۇمانلانسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
يۇقتۇرغان ياكى يۇقتۇرمىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايىڭىزدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-مۇداپىيە كۆرۈش مەركىزىگە ياكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئەيدىزدىن ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش-تەكشۈرۈش ئامبۇلاتورىيەسىگە (VCTئامبۇلاتورىيە) بېرىپ ھەقسىز مەسلىھەت سوراپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ. ھەمدە يەرلىكتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-مۇداپىيە كۆرۈش مەركىزىگە بېرىپ ھەقسىز تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ.
5. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىڭىز ئېنىق بولسا قانداق قىلىسىز؟
ئۈمىدۋار كەيپىياتتا بولۇڭ، ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىڭىزنى جۆرىڭىزگە ياكى ئاشنىڭىزغا ئەينەن مەلۇپ قىلىڭ، بىخەتەر قاپچۇقنى داۋاملىق ۋە توغرا ئىشلىتىڭ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرماڭ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقتىدا ھەم ئۆزلۈكىڭىزدىن يەرلىكتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-مۇداپىيە كۆرۈش مەركىزىگە بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىڭ، دوختۇرنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىڭ، بالدۇرراق ھەقسىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىڭ.
6. ئەيدىز بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقاندا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا نۆۋەتتە ھەرقايسى ئورۇنلار دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەيدىغان ئون نەچچە خىل دورىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ ئەيدىز بىمارلىرىنى ھەقسىز داۋالايدۇ. بىمارلارھەركۈنى ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن مىقدارى بويىچە دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنى ئىچسە بولىدۇ.ئىزىچىل داۋالىنىش داۋالاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.
7. سىرتتىن كەلگەن ئەيدىز يۇقۇمدارى بولسىڭىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش رەسمىيەلىرىنى قانداق بېجىرىسىز؟
سىرىتتىن كەلگەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى باشقاجايدا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ خىزمەت، ئوگۈنۈش قىلماقچى بولسا ئاپتونوم رايوننىڭ باشقاجايلاردىكىلەرنى داۋالاش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورۇندىكى ساقچىخانىدا ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەركىزىگە ئۆزىنىڭ داۋالىنىش مۇناسىۋەتلىرىنى تور ئارقىلىق تۇرۇۋاتقان ئورۇندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزىگە يۆتكەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئورۇندا داۋالىنالايدۇ. كېيىن ئەسلى يۇرتىغا قايىتقاندا يەنە يۆتكەپ كېتەلەيدۇ.
8. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا قارىتا قانداق مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر بار؟
ئاپتونوم رايونىمىز نۆۋەتتە (ئەيدىز كېسىلىدىن پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش ھەمدە ئەگەشمە كېسەللىك) نى يېڭى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش چوڭ كېسەللىكلىرىگە كىرگۈزۈشنى بىر تۇتاش پىلانلىماقتا، ئەيدىز كېسىلىدىن پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىپ بالنىستتا ياتقاندىكى داۋالاش چىقىملىرىنى، يېڭى تىپتىكى دىھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىكى ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن ئاتچوت قىلغاندىن كېيىن، ھەربىر ئادەمگە ھەريىلى3000يۇەن تولۇقلىما بېرىدۇ.
قىسمەن رايون، ئاپتونوم-ئوبلاستلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى بەلگىلىمىگە ئاساسەن شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغانلار نەپىقىسى، قېرىغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئالىدىغانلار دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. باشقا رايون، ئاپتونوم ئوبلاستمۇ قەدەممۇ-قەدەم كېڭەيتىدۇ.
9. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن يېتىم بولۇپ قالغان بالىلارنى قۇتقۇزۇشتا قايسى ياردەملىرى بار ؟
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 2009-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش ئۇسۇلى» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلىرى نازارىتى 2009-يىللىق 194-نومۇرلۇق بەلگىلىمىسىدە) ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن يېتىم بولۇپ قالغان بالىلار، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈگۈچى ياكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلارغا ئەڭ تۆۋەن بېقىلىش ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا 600 يۈەن ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى تارقىتىلىدۇ؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر تەرەپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى ئولۇپ كەتكەن بالىلار، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن يېتىم بولۇپ قالغان بالىلار دەپ قارىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈگۈچى ياكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى تارقىتىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
10. ئەگەر سىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ ھامىلىدار بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدۇ. سىز بالىڭىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئانا-بالىلارساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى ۋىرۇسقا قارشى دورا ئارقىلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەقسىز داۋالاش ۋە بوۋاقنى ھەقسىز يوقلاش، تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى شۇنداقلا ھەقسىز سۈت پاراشۇكىنى قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ.
xjaids.com
شىنجاڭ ئەيدىز بىلىملىرى تورى