ھازىرقى جەمئىيەتتە ،جىنسىي ساغلاملىق مەسىلىسى بارغانسېرى دىققەت – ئېتىبارنى قوزغىماقتا ،بولۇپمۇ ئەيدىز ( HIV ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋپ – خەتەر ئىچىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا بولۇپ قالماقتا. ھەر قېتىم قوغداش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملاندىمۇ؟دېگەن گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا بولىدۇ. يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىلىۋالغاندا، زۆرۈر بولمىغان ۋەھىمىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە ۋاقتىدا توغرا تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
1. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈرۈش كۈچكە ئىگە ئەمەس
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردىمۇ، دەرھال تەكشۈرتسىمۇ ئىناۋەتسىز بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ بىر «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ ،بۇ مەزگىلدە ۋىرۇس بەدەندە تەكشۈرگىلى بولىدىغان سەۋىيەگە يەتمىگەن. ئادەتتە، كۆزنەك مەزگىلى ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە بولىدۇ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا ئۈچ ئايغا سوزۇلىشى مۇمكىن. يەنى بۇ 2 ھەپتىدىن تارتىپ 3 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تەكشۈرسە چىقماسلىقى مۇمكىن.
2. دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى چۈشىنىش
ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 2 – 4 ھەپتە ئىچىدە، بەزى كىشىلەردە تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، مەسىلەن، قىزىش، چارچاش، گال ئاغرىش، ئەسۋە ياكى لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىقلار. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بەدەننىڭ ۋىرۇسقا بولغان دەسلەپكى ئىنكاسى بولۇپ ،ئۆتكۈر HIV يۇقۇملىنىش مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئالاھىدە ئەمەس، باشقا كېسەللىكلەرگە مەسىلەن زۇكام بىلەن ئوخشىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
3. ساقلاش ۋە ئارقىدىن HIV تەكشۈرۈش
كۆزنەك مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ،HIV تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قان تەكشۈرۈش بولۇپ، بەدەندە HIV ئانتىتېلاسى ياكى ئانتىگېن بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئادەتتە يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئۈچ ھەپتىدىن 14 ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىشەنچلىك نەتىجە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4. مەنپىي نەتىجىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە ئىشىنىش
ئەگەر تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا، لېكىن يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلانسا، كۆزنەك مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. كۆپ قېتىملىق مەنپىي نەتىجە تېخىمۇ چوڭ خاتىرجەم كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى بەزىدە بىرىنجى تەكشۈرۈشتە خاتا نەتىجە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.
5. ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن تېخىمۇ ئەۋزەل!!!
ئەڭ ياخشى قوغداش ئۇسۇلى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش، مەسىلەن كۆپ جىنسىي ھەمراھ تۇتماسلىق ، ئائىلىسىگە جۈپتىگە سادىق بولۇق، گاندون ئىشلىتىش، ياكى PrEP ( ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش دورىسى ) ئىشلىتىش. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ HIV خەۋپ – خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىدىن گۇمان قىلسا ، بالدۇرراق دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ ،PEP ( ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش دورىسى ) غا ئېرىشىپ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش كېرەك.