مەزى بېزى ياللۇغى تىلغا ئېلىنسا، كەڭ ئەر قېرىنداشلارغا ناتونۇش ئەمەس. مەزى بېزى دائىم كۆرۈلىدىغان ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكى بولۇپ، نۇرغۇن ئەرلەر ئىلگىرى ياكى ھازىر ئۇنىڭ تەسىرىگە ئازدۇر كۆپتۇر ئۇچراپ باققان بولۇشى مۇمكىن.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، مەزى بېزى ياللۇغى نوقۇل كېسەللىك بولماستىن، بەلكى بىر گۇرۇپپا كىلىنىكىلىق كېسەللىك يىغىندىسى بولۇپ، ئۆتكۈر باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغى، سوزۇلما باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەزى بېزىگە گىرىپتار بولغاندا، بىماردا كۆپ ھاللاردا پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، سىيىش قىيىنلىشىش، سۈيدۈك تۈگىمەسلىك قاتارلىق كىچىك تەرەت قىلىش جەھەتتە بىنورمال ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىماردا يەنە چات ئارىلىقى، تۆۋەنكى قورساق قىسمى، زەكەر، ئۇرۇقدان خالتىسى، بەل توققۇز كۆز قىسمى قاتارلىق قىسىملار بىئارام بولىدۇ ياكى ئاغرىيدۇ.
ئەگەر گۇمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، كېسەلنى يوشۇرۇپ داۋالىنىشتىن باش تارتماي، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. ئىلمىي تەكشۈرۈش مەزى بېزى ياللۇغىنى بالدۇر بايقىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
بۇ بىر نەچچە خىل تەكشۈرۈش، مەزى بېزى ياللۇغىنى تەكشۈرۈپ ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئۆتكۈر باكتېرىيىلىك مەزى بېزى ياللۇغى تەكشۈرۈشلىرى
1. تۈز ئۈچەينى بارماق بىلەن تەكشۈرۈش
بارماق بىلەن تەكشۈرگەندە، مەزى بېزى ئىششىپ چوڭىيىدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇ، يۇمشاق ياكى دولقۇن سېزىمى بولىدۇ.
2. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش
1) قان تەكشۈرۈش
ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ۋە نېيترال دانچە ھۈجەيرىلەرنىڭ نىسبىتى ئۆرلەيدۇ.
2) سۈيدۈك تەكشۈرۈش
كۆپ مىقداردىكى ئاققان ھۈجەيرىسىنى بايقىغىلى بولىدۇ، دەسلەپكى ياكى ئاخىرقى قىسىمدا بېرىلگەن سۈيدۈكتە ئەڭ روشەن بولىدۇ.
سوزۇلما باكتېرىيىلىك مەزى بېزى ياللۇغى تەكشۈرۈشلىرى
1. تۈز ئۈچەينى بارماق بىلەن تەكشۈرۈش
بارماق بىلەن تەكشۈرگەندە، مەزى بېزى چوڭىيىدۇ، كىچىكلەيدۇ ياكى نورمال بولىدۇ، سىرتقى يۈزىنىڭ سۈپىتى تەكشى بولمايدۇ ياكى باسقاندا ئاغرىيدۇ، بىئارام بولىدۇ.
2. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش
مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدا ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر يۇقىرى ھەسسىلىك كۆرۈش دائىرىسى 10 دىن ئېشىپ كەتسە نورمالسىزلىق بولىدۇ. دىققەت، گەرچە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ياللۇغلىنىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
ئىككى ئىستاكان تەجرىبىسى
دەسلەپكى سۈيدۈك، ئوتتۇرا سۈيدۈك ۋە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى يىغىپ باكتېرىيە يېتىشتۈرۈپ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بېكىتىش كېرەك.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مەزى بېزى ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇشتىكى دائىملىق تەكشۈرۈش ھېسابلانمايدۇ ئەمما كېسەللىك ئېغىرلىق دەرىجىسىنى مۆلچەرلەشتە قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىغان بىر تەكشۈرۈش ھىساپلىنىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا، يۇقىرىقى تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان – بولمىغانلىقىغا ۋە قايسى خىل مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىغا ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر ئۆزىدە مەزى بېزى ياللۇغىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش، بالدۇر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.