ھەرقانداق كېسەل ئادەمنىڭ جىسمىنى ھەم روھىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ۋە كاردىن چىقىرىپ، ئادەمنىڭ جېنىغا ئازاپ-ئوقۇبەت، ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھېچقانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغىسى كەلمەيدۇ ئەمما، ئادەملەر ھاياتىدا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە بېقىپ بىلىپ-بىلمەي ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم
شۇنداقلا بىر قىسىم ئادەملەر ئۆز جىسمىنىڭ ئېھتىياجىنى بىلىپ-چۈشىنىپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئاساسەن ساغلام ياشىيالايدىكەن. لېكىن ئاز بولمىغان ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقنى ئۆگىنىش، سالامەتلىكنى قوغداش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەت-پۇزىتسىيەسىدە ئەقىلسىزلىق، بىلىمسىزلىك، پەرۋاسىزلىق بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە ئالدىنى ئالالايدىغان ھەم دۇچار بولمايدىغان ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ يۈرۈيدىكەن.
قىسقىسى، كېسەللىك ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاسراش ئېڭىدىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا ئوخشايدىكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئىمتىھاندىن ياخشى ئۆگىنىشنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەنلەر، ئۆزىنىڭ ئېھتىياج-ئارزۇسىدا چىڭ تۇرىدىغانلار، ئۆزىگە قۇيۇلغان تەلەپنى سەۋەپ-نەتىجىلىك ھەم مەقسەت-مۇددىئالىق ئويلىيالايدىغانلار يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيدىكەن. شۇنداقلا، ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئالىدىغانلار ھەم ئۆتەلمەيدىغانلار بولغاندەك، ساق بەدىنىدە ئۆزىنىڭ بىلمەسلىكى سەۋەپلىك ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلىپ يۈرۈيدىغانلارمۇ ئاز بولمايدىكەن. دېمەك، ساغلاملىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدىغانلار كېسەللىك مۇكاپاتى بىلەن تارتۇقلىنىدىكەن. ئەيدىزمۇ بىر خىل كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەھەتتىكى ساغلاملىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلار ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرۈيدىكەن. ئەمما، باشقا كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىدە ئالدىنى ئېلىشنى خالىمىغانلىقتىن ھەم بىلمىگەنلىكتىن پەيدا بولسا، لېكىن ئەيدىز كېسىلى يۇقۇملۇق ھالەتتە ئادەمدىن ئادەمگە ئۆتۈپ تارقىلىۋاتىدۇ. ئادەملەر يۇقۇملۇق بولمىغان كېسەللەردىن ئانچە چۆچۈمىگەن بىلەن، ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلسىلا قاتتىق چۆچۈپ كېتىشىۋاتىدۇ. چۈنكى، باشقا كېسەللەرنى ئاساسەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولغان بىلەن، ئەيدىز كېسىلىنى تەل-تۆكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، ھەم ئەيدىز ۋىروسى ئەر-ئاياللار ئارا يۇقىدۇ ھەم ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ قېنى بىلەن كۈتمىگەن يەردىن تاسادىپى ئۇچرىشىپ قېلىش بىلەنمۇ يۇقىدۇ.
دىئابىت، قان بېسىمى، بۆرەك كېسىلى دېگەندەك كېسەللىكلەر دەماللىققا ساقايمايدىغان ئاستا خارەكتېرلىق كېسەللىكلەر بولغان بىلەن، ئەمما بۇ كېسەللىكلەر كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىدىن ئەتراپىدىكى باشقا ئادەملەرگە (ئىرسىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا) ھەرقانداق ئۇسۇل-يوللار بىلەن يۇقمايدۇ. مۇشۇنداق يۇقمايدىغان كېسەللىكلەر ئاساسەن شۇ ئادەملەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىغا مۇناسىۋەتلىك ھالەتتە كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئۆزى گىرىپتار بولغان كېسەل دەپ قارىلىپ دەماللىققا ساقايمىسىمۇ، ئەتراپىدىكىلەرنى ئانچە قورقۇتۇۋەتمەيدۇ ھەم كۆڭلىنىمۇ ئۇنچىۋالا يېرىم قىلىۋەتمەيدۇ. ئەمما، ئەيدىز كېسىلى باشقىلار سەۋەپلىك يۇقىدىغانلىقى ھەم ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى داۋالىنىپ ئىزچىل دورا يەپ ئەيدىزنى ئاستا خارەكتېرلىق كېسەل ھالىتىگە ئەكەلسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلەن توختاپ قالماي يەنە باشقىلارنىمۇ يۇقۇملاندۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەيدىز كېسىلىدىن گىرىپتار بولغۇچىمۇ قورقىدۇ، تەل-تۆكۈس ساقايتقىلى بولمايدىكەن دەپ قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ھەم گىرىپتار بولمىغۇچىلارمۇ تۇيۇقسىز يۇقۇپ قالامدىكىن دەپ قورقىدۇ، قاچىدۇ. شۇ سەۋەپتىن باشقىلار ئەيدىز بىمارلىرىنى چەتكە قاقىدۇ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىنى قارا-قۇيۇق ھالدا توغرا بولمىغان يوللاردىن يۇقۇملانغان دەپ كەمسىتىدۇ.
دېمەك، ئەيدىز كېسىلى مۇشۇنداق ئەھۋالدا بولغاچقا، باشقا كېسەللەرنىڭ تەغدىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. قاچان قانداق ئۇسۇللار بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن قەتئىنەزەر، جەمىيەتتە ئەيدىز كېسىلىنى ھەقىقى چۈشەنمەيدىغان ھەم شۇڭا قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ھەممىسى بىر تاياقتا ھەيدىلىپ، چەتكە قېقىلىپ-كەمسىتىلىپ ئادىل بولمىغان مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى-ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئەيدىز بىمارلىرىدىنمۇ نەپرەتكە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تاللىۋالغانلارنى پەيدا بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەيدىزدەك بۇنداق خەتەرلىك كېسەلگە دۇچار بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار تەرىپىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنى ناھەقچىلىق دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ناھەقچىلىققا ئۇچرىدىم دەپ قارايدىغانلارنى جەمىيەتكە ھەم باشقىلارغا قارىتا ناھەق سۆز-ھەرىكەتتە بولۇشقا مايىل ئىدىيە-تۇنۇشقا كىلىپ قالمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
شۇڭا، جەمىيەتتە كىشىلەرگە ئەيدىزنى چۈشەندۈرۈش بىلەن، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە-تۇنۇشى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى سەۋىيە-ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش دەپ قارىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ دەپ قارىلىپ، ئەيدىز كېسىلىگە ئالاھىدە پۇزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىنمىسا، ئەيدىز كېسىلى ساغلاملىق مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي، يەنە جەمىيەت مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىغا ھەم قانداق مۇداپىئەلىنىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولماي، يەنى «سۇ كەلگىچە تۇغان سالماي»، ئۆزىنىڭ ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەيدىغان قىلمىشىغا بېقىپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كىيىن، ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىپ، مۇھىتتىن نارازى بولۇپ جەمىيەتكە دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئويلىغاندا، بۇنداق ئەيدىز بىمارلىرىدىكى ئاشقۇنلۇق قىلمىشىدىن، ئەيدىزنىڭ جەمىيەت مەسلىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماي تۇرالمايمىز.
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ زەربە بىرىشكە ئۇچرىغاندا ساقچىلارغا چىشلەش دېگەندەك زىيانكەشلىك قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىۋاتقان، ئەيدىزنى يۇقتۇرۇش-يۇقتۇرىۋېلىش بىلەن پەرۋايى پەلەك ھالدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانماي پاھىشە-بەچچىۋازلىق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىلمىشلارنى نەزەردە تۇتقاندا، بىر قىسىم ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ جەمىيەت مەسلىسىنى پەيدا قىلىش قىلمىشىدا بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالمايمىز.
مانا مۇشۇنداق، بىر قىسىم ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدىكى باشقىلارغا ۋە جەمىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىش نىيىتى ئاشقۇنلۇق ھالىتىدە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. خۇددى، دىنىي ئاشقۇنلار ئەسەبىلىك بىلەن تىرورلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك، ئۆز جىسمىدا ئەيدىز ۋىروسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا يۇقتۇرۇش قىلمىشىدا بولۇش باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك ئاشقۇنلۇق نىيەت-غەرىزىدۇر. دېمەك، ئەيدىز ئاشقۇنلىقى جەمىيەت مەسلىسى ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر جەمىيەتتە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرى داۋاملىق كۆپىيىش ھالىتىدە بولسا، يەنە ئاز بولمىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ناھەق يۇقۇملىنىش ھېس-تۇيغۇسىدا بولىدۇدە، ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى باشقىلاردىن، مۇھىتتىن، جەمىيەتتىن كۆرمەي تۇرالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ باشقا ئادەملەردىن يۇقۇملىنىشىدىن ئىبارەت ئۇسۇللار بىلەن دۇچار بولىدىغان ئەيدىز كېسىلى يەنە شۇ يۇقۇملانغان ئادەملەر ئارقىلىق يەنە باشقا ئادەملەرگە بىلىپ-بىلمەي يۇقتۇرىدىغان قىلمىشىنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ. دېمەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، مۇشۇ كۆپەيگۈچىلەر ئارقىلىق ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى يەنە داۋاملىق كۆپىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار قانچە كۆپ بولسا، يەنە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى شۇنچە كۆپەيتىۋېتىش نىسبىتىدىكى ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چۈنكى، ئەيدىز يۇقۇملۇق كېسەل، شۇنداقلا ئادەملەرنىڭ ناھايىتى مۇھىم مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق يۇشۇرۇن يۇقۇملىنىپ، يەنە شۇنداق يۇشۇرۇن يۇقۇملاندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، كىمنىڭ قاچان قەيەردە قانداق يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولماي قالىدىغان، ھەم ئۈزۈل-كېسىل ساقايتقىلى بولمايدىغان، شۇنداقلا يۇقۇملانغانلىقىنى ۋاقتىدا بايقىيالماي ئەيدىز ۋىروسىقا قارشى داۋالىنىش ئېلىپ بارمىغاندا، ئادەمنىڭ ھاياتىغا يېشىغا قارىماي خەۋىپ ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك كېسەلدۇر.
دېمەك، مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك كېسەلدىن باشقىلار ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قالغان ئادەملەر ئۆزلىرىنى يۇقۇملاندۇرغۇچىنى تاپالماي، تاپالىسىمۇ يۇقۇملاندۇرغان ئەيدىز ۋىروسىنى ياندۇرۇپ بەرگىلى بولمىغاچقا ھەم قانۇنى ئاساسقا ئىگە دەلىل-ئىسپات ئالالمىغاچقا ھېچقانداق ئامال قىلالماي، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ، ئاقىۋەت جەمىيەت نېمىشقا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا بولغان تەلىم-تەربىيەنى چىڭ تۇتمايدۇ دېگەندەك قاقشاش بىلەن، ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي باشقىلارنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش خاتالىقلىرىنى سادىر قىلىپ قۇيۇشى مۇمكىن. چۈنكى، باشقىلارنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش تۈزىتىۋالغىلى بولمايدىغان، ئورنىغىمۇ كەلتۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىقتۇر.
يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم ئورۇنلاردا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدىن قالدۇرۇلىشى، بەزى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئەيدىز سەۋەپلىك خىزمەت تاپالماسلىقى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلىشى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىشى قاتارلىق ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك توغرا بولمىغان ئەھۋاللار يەنە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مۇشۇنداق ناھەقچىلىققا قارشى قوللانغان ئاشقۇنلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قىسقىسى، ئەيدىزدىن گۇناھسىز يۇقۇملىنىش، ئەيدىزنى قەستەن يۇقۇملاندۇرۇش، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دۈشمەنلىك پۇزىتسىيەسى، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى چەتكە قېقىپ كەمسىتىش دېگەندەك توغرا بولمىغان ئەھۋاللار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنداق توغرا بولمىغان ئۇسۇلدىكى پاسسىپ پۇزىتسىيەدىكى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ كەڭ دائىرىلىك، ھەر دائىملىق بولغان ھالەتتىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى، داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەيدىزدىن ھۇشيار بولۇش ئېڭىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە، ئايدىن-ئايغا، يىلدىن-يىلغا تارقىلىپ كۆپىيىشىنى توسۇپ توختىتىپ، ئەيدىز بولمىغان مۇھىت، ئەيدىز بولمىغان جەمىيەت، ئەيدىز بولمىغان مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، ئادەملەرنى يۇقۇملۇق كېسەللەردىن قۇتۇلدۇرىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ ئەيدىز تورى
xjaids.com