ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىتۇغۇتتىن كېيىن چاچ چۈشۈش ۋە ئۇنى داۋالاش

تۇغۇتتىن كېيىن چاچ چۈشۈش ۋە ئۇنى داۋالاش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇغۇتتىن كېيىن نۇرغۇن ئانىلارنىڭ چېچى بەكلا چۈشۈپ كېتىدۇ. بەزى ئانىلارنىڭ ئەسلىدىنلا چېچى ئاز بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىن تاقىرباش بولايلا دەپ قالىدۇ. ھەركۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ياستۇقىدا بىرتۇتام چاچ، چاچ يۇيغاندا ۋە چاچ تارىغاندىمۇ چېچى بەك چۈشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تۇغۇتتىن كېيىنكى ئانىلارنىڭ ئورتاق غېمى. نەگىلا قارىسا چۈشكەن چاچلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە سەل ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.

تۇغۇتتىن كېيىن چاچ چۈشۈش ۋە ئۇنى داۋالاش

نۇرغۇن ئانىلار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق ياكى بالىنى ئېمىتكەچكە بەدەندە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن چاچ چۈشىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. گەرچە بالا ئېمىتىش جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن چاچ چۈشۈش بىلەن ھېچقانداق بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. ئەمەلىيەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئۈچ چوڭ قاتىلى بولسا: ھورمۇن، كەيپىيات ۋە پەرۋىش ئۇسۇلى.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ھورمۇننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى

ھەممىمىزگە مەلۇم، چاچ ئۆسۈشتىن چۈشۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا بىر مېتابولىزم دەۋرى بولىدۇ. ئادەتتە ھەركۈنى تەخمىنەن 100 تال چاچ چۈشىدۇ. ئەمما ئانا ھامىلىدار بولغان مەزگىلىدە بەدەندىكى ھورمۇن يۇقىرى ئۆرلىگەچكە، ئەسلىدە نورمال چۈشۈپ كېتىشكە تېگىشلىك چاچلارنىڭ چۈشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانىلارنىڭ چاچلىرىنىڭ ناھايىتى قويۇق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چۈشمىگەن چاچلارنىڭ ھەممىسى قىسقىغىنە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە چۈشۈپ كېتىدۇ. بىرقەدەر ئىنچىكە ئانىلار شۇنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، تۇغۇتتىن كېيىنكى 1~4 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى چاچ چۈشۈش بىرقەدەر روشەن بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال، تۇغۇتتىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، باش تېرىسى نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش دەۋرىگە قايتالايدۇ.

تەشۋىشلىنىش، بېسىمى زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىش

كەيپىيات بىلەن بېسىمنىڭ چاچ چۈشۈش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم بۇنى بايقاپ تۇرىمىز. بىر ئادەم ئىنتايىن جىددىيلەشكەندە، بېسىم بەك ئېغىر بولغاندا، ئەڭ روشەن ھادىسە چاچ چۈشۈش. تۇغۇتتىن كېيىن ئانىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولىدۇ. بېسىمىمۇ ئىنتايىن ئېغىر، چۈنكى ئانا بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بەدىنىدە ھەرخىل بىئاراملىقلار بولغاچقا، ئۇيقۇسى جايىدا بولمىغاچقا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. روھىي ئامىلنىڭ تەسىرىدە چېچى شۇنداق كۆپ چۈشىدۇ. چېچىنىڭ بىر تۇتام، بىر تۇتام چۈشكىنىنى كۆرۈپ بېسىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ھەتتا بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئانىلار بۇ باسقۇچتا چوقۇم ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك.

 

تازىلىق، پەرۋىش مۇۋاپىق بولماسلىق

چاچنى ساغلام ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى پەرۋىش ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ۋاقتىدا تازىلاپ پەرۋىش قىلمىغاندا، چاڭ-توزان ئارىلاشمىسى باش تېرىسىدە، چاچ يىلتىزىدا يىغىلىپ قېلىپ، چاچنىڭ يېرىلىشى ۋە چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە تۈك خالتىسى ياللۇغى ۋە باش تېرىسى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تۇغۇتتىن كېيىن چاچ ئاسراشتىكى ئۈچ چوڭ مەخپىيەتلىك پاكىزە بولۇش، چاچنى ئوزۇقلاندۇرۇش، چاچنى توغرا ئۇسۇلدا قۇرۇتۇش. گەرچە تۇغۇتتىن كېيىنكى چاچ چۈشۈش باسقۇچ خاراكتېرلىك ھادىسە بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز توغرا پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق چاچنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز. ھەر ھەپتىدە ئەڭ ياخشىسى 2~3 قېتىم باش يۇيۇش. ئەگەر تەرلىگەن ياكى يامغۇردا قالغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا چاچ يۇيۇش كېرەك. سىرتقا چىقىشتىن ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى باش يۇيماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چاچ يۇيۇش جەريانىدا چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك، چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى لۆڭگە بىلەن چاچنى يۆگىۋېلىش، كۈچەپ ئۇۋۇلىماسلىق، ئامال بار چاچنى تەبىئىي قۇرۇتۇش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17946364.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-24 / 05:49:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ