ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقگۆشسىز ئوزۇقلىنىش پەقەتلا كۆكتات ئىستېمال قىلىشمۇ؟

گۆشسىز ئوزۇقلىنىش پەقەتلا كۆكتات ئىستېمال قىلىشمۇ؟

نۇر تورى تەرجىمىسى:

گۆشسىز ئوزۇقلىنىش يېڭىچە ساغلاملىق ئەندىزىسى بولمىش، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشمەكتە. لېكىن «گۆشسىز» ئوزۇقلىنىشتا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خاتا يولنى باسماقتا، ساغلاملىق ئۈچۈن گۆش يېمەسلىكلا كۇپايە قىلامدۇ؟ بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارغا قانداق ئېرىشىش كېرەك؟ ھەممەيلەننىڭ بەس-بەستە گۆش يېمەسلىكى راستىنلا ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقمۇ؟

گۆشسىز ئوزۇقلىنىش پەقەتلا كۆكتات ئىستېمال قىلىشمۇ؟

 

ھەممىلا ئادەم گۆشسىز ئوزۇقلىنىشقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

بەزىلەر گۆشسىز ئوزۇقلىنىشنى ياقتۇرىدۇ، ھالبۇكى ھەممىلا ئادەمنىڭ گۆشسىز ئوزۇقلىنىشقا ماس كېلىۋېرىشى ناتايىن.

مەسىلەن جىگەر، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىدا مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىك بولغان بىمارلار، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولغانلار ھەمدە ئوزۇقلۇققا ئالاھىدە ئېھتىياجى بولغانلارغا چوقۇم گۆش يېيىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكىدەك مەسىلىلىرى بولمىغانلار گۆشسىز ئوزۇقلانغاندا يەنىلا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى شەرت.

ئورۇقلاش ئۈچۈن گۆشسىز ئوزۇقلىنىدىغانلار ئەكس ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

بەزىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈنلا گۆشسىز ئوزۇقلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بەلكىم ئۇلار شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەنكى، ئورۇقلاش بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ تېنىدىن بەرقىسىم ئاقسىللار خوراپ كېتىدۇ، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىسى، ماي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، قان ئازلىق، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ.

بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىگەننىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئاقسىلنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ھورمون ئاجرىلىشىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيزنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ھەيز قالايمىقانلاشسا، ھەتتا تۇغۇت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

شۇڭا ئاخىرىدا غەلىبىلىك ھالدا ئورۇقلاش ياكى ئورۇقلىيالماسلىقنىڭ گۆش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، مۇھىمى يەنە مۇۋازىنەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە چېنىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 

گۆشسىز ئوزۇقلىنىش ≠ كۆكتاتلا يەپ، گۆش يېمەسلىك.

گۆشسىز ئوزۇقلىنىشنىڭ تۈرلىرى:

قەتئىيلىك بىلەن گۆشسىز ئوزۇقلىنىش (ھايۋانات گۆشىنى قىلچىلىكمۇ يېمەسلىك)؛

ئېلاستىكىلىق گۆشسىز ئوۇقلىنىش / يېرىم گۆشسىز (ئەھۋالغا قاراپ بىرئاز گۆش ئىستېمال قىلىش)؛

بېلىق + گۆشسىز ئوزۇقلىنىش (ھايۋانات گۆشى ئورنىغا ھەرخىل بېلىق گۆشى بىلەنلا ئوزۇقلىنىش)؛

تۇخۇم، سۈت + گۆشسىز ئوزۇقلىنىش (سۈت، قېتىق، ھەرخىل تۇخۇم قوشۇلغان گۆشسىز ئوزۇقلىنىش).

ئەمەلىيەتتە ساغلاملىقتا تەۋسىيە قىلىنغىنى ئىزچىل ھالدا ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى بولۇپ، دائىم چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىپ يۈرىدىغانلارغا قىلىنىدىغان تەكلىپ شۇكى، ئوزۇقلۇققا مۇۋاپىق تۈردە كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەك، پەقەت گۆشنىلا ئىستېمال قىلىشمۇ ساغلاملىق ھېسابلانمايدۇ.

گۆشسىز ئوزۇقلىنىش يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكىنى ياخشىلاپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان گۆشسىز ئوزۇقلىنىش بولسا ھايۋانات گۆشى، ئائىلىدە بېقىلىدىغان قۇشلارنىڭ گۆشى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئازراق ئىستىمال قىلىشتىكى ئوزۇقلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ قىلچىلىك گۆش يېمەستىن، «غېرىبانە» تۇرمۇش كەچۈرۈشكە قارىتىلغان ئەمەس.

 

قانداق قىلغاندا ھەم گۆشسىز ھەم ساغلام ئوزۇقلانغىلى بولىدۇ؟

ھەممىلا ئادەم كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، ماي، ئاقسىل، ۋىتامىن، سۇ ۋە مىنېرال تۇزلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر.

گۆشسىز ياكى گۆشلۈكنىڭ پەرقى شۇكى، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى يەنى ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋان بولۇشىدا. پەقەت ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەكشى بولسىلا، بەدەن قالتىس ساغلام بولىدۇ.

يېتەرلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش كېرەك.

پەقەت گۆش يېيىش ئارقىلىقلا ئاقسىل قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ قاراش خاتا، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تەبىئىي يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل بار، مەسىلەن مۇقاتىل (يۇقىرىدىكى سۈرەتتىكىسى مۇقاتىل)، تۇخۇم، يەر ياڭىقى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

پۇرچاقلارنىڭ ئاقسىل تەركىبى مول بولۇپلا قالماي، يەنە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ بار.

ماينى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىۋالماسلىق كېرەك.

گۆشسىز ئوزۇقلىنىش ئاددىيراق، تۇزسىزراق، شېكەرسىزرەك بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا گۆشسىز ۋە ساغلام بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گۆشسىز ئوزۇقلۇقنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىشى بىرقەدەر ئاز بولۇشى، ئەسلى تەم ۋە ئەسلى ئوزۇقلۇق ماددىلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇشى لازىم.

زەمبۇرۇغلار ۋە يۇسۇنلار: بېلىقتىنمۇ يېيىشلىك.

گۆشسىز ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات ئىستېمال قىلىشى ئېنىق، لېكىن كەڭ مەنىدىكى كۆكتاتلار تۈرىگە تەۋە زەمبۇرۇغلار ۋە يۇسۇنلارمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. دېڭىز يۇسۇنى تەركىبىدە ئۇزۇن تالالىق n-3 كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، گۆشسىز ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكتىن n-3 كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىغا ئېرىشىشىنىڭ ئاساسلىق يوللىرىنىڭ بىرى.

يۇسۇنلار بىلەن يېقىن تۇغقان كېلىدىغان زەمبۇرۇغ تۈرىدىن گۈمبەمەدەك (موگۇ) تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرمۇ بولىشى كېرەك، ئۇلار گۆشسىز ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ ۋىتامىن B12، تۆمۈر ۋە سىنك قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىشتىكى مەنبەسىدۇر.

ھەرقانداق ئىش مۇتلەق بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى يەنە بۇ تۆت نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك:

  1. يېمەكلىكلەر سەرخىل بولۇشى، قارا ئاشلىق ئاساس قىلىنغان بولۇشى كېرەك؛
  2. كۆكتات-مېۋە، سۈت ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش؛
  3. مۇۋاپىق تۈردە بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، ئورۇق گۆش (قارا گۆش) قاتارلىقلارنىمۇ ئىستىمال قىلىش؛
  4. ئوزۇقلۇقلار تۇزسىزراق، مايسىزراق بولىشى، قەنت ۋە ھاراقنى چەكلەش كېرەك.

بىراق گۆشسىز ئوزۇقلىنىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە ساغلام گۆشسىز ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىۋېلىشى كېرەك،شۇندىلا سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-29 / 08:51:34

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ