ئەزەلدىن ھېچبىر كېسەل ئەيدىزگە ئوخشاش بىز ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىمىز، جاسارەت – جۈرئىتىمىز، ئېتىقاد – ئەخلاقلىرىمىزغا ۋە ھاياتلىقىمىزنىڭ چىن مەنىسىگە قارىتا بۇ دەرىجىدە مىسلىسىز بولغان خىرىسنى ئىلىپ كەلمىگەن ئىدى
ئەلمىساق دەپ ئاتالغان ، ئادەم بارلىققا كەلگەن ئەڭ قەدىمقىي دەقىقىلەردىن باشلاپ، ئۆلۈمدىن ئىبارەت كىشى ھاياتىنىڭ ئالاھىدە پەللىسى بولغان بۇ سىرلىق مۆجىزە كەبىي ھادىسە تەپەككۇرىمىزغا قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، بىز تۈرلۈك ئېتىقاد ، ئەقىدە، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئەپسانە – رىۋايەتلەر ئىچىدىن ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلماقنىڭ چارىسىنى ئىزدەپ كەلدۇق. ئاقىۋەتتە، دۇنيا ۋە كائىناتتىن تاشقىرى بولغان مۇتلەق مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئۈمىد باغلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن ھالقىپ، مەڭگۈلۈك سائادەتكە سازاۋەر بولۇشنى ئۈمىد قىلىشتۇق.
ئۆلۈم كىشى بىلەن كىشىنىڭ باراۋەرلىكىنى ياراتقان ئىدى. ئەمما، ئەمدىلىكتە ئەيدىز بۇ خىل مۇۋازىنەتنى بۇزۇۋاتقاندەك ئىدى. ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر << ئەيدىز بولسا ئىنسانىيەتنى ئەخلاققا مۇغالىپ بولغان، غەيرىي بىدئەت ئەقىدىلەردىن پاكلايدۇ. ئەشۇ زەھەر چەككەن، پاھىشە قىلغان، ھەمجىنسلار بىلەن ناتوغرا مۇناسىۋەتتە بولغان شەرىمەندە ئىنسانلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن جازالايدۇ . >> دەپ قاراشقان ئىدى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئىش شۇنىڭ بىلەن كۇپايلىنىدىغاندەك قىلمايتى . ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تالاپەت ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى ياكى كېيىن بولۇپ ھەمىمىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىش خەۋىپىدىن ساقلانماق تولىمۇ مۇشكۇل بولۇپ قالماقتا ئىدى.
1980- يىلى بىر خىل غەلىتە يېڭى كېسەللىك ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھرىدىكى ھەمجىنىسلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدىغان ئەركىشىنىڭ تېنىدە بايقالدى. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى قىزىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، لېنبا بەزلىرى يوغىناش، ئىچى سۈرۈش ۋە غاز ئېغزى شەكللىك چاقا پەيدا بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا تېببىي ئىلىم ساھەسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. 70 – يىللاردىكى دوختۇرلار ھامان دورا ئارقىلىق مىكرۇپ ۋە ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرقانداق كېسەللىكنى چوقۇم داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارىشاتتى. ئەمما بۇ قېتىم غەلبە قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزىم بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ۋە قابىلىيىتىگە قارىتا يەنە بىر مەسخىرىلىك سۇئال بەلگىسىنى تاشلاپ قويدى. 1982- يىلى بۇ خىل كېسەللىك رەسىمىي ھالدا << ئەيدىز كېسەللىكى >> دەپ ناملاندى. 1983- يىلى فىرانسىيىلىك ئالىملار ئالدى بىلەن ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنى تەركىبىدىن HIV ۋىرۇسىنى بايقاپ چىقتى. ئارىدىن 17 يىل ئۆتۈپ 2000- يىلىغا كەلگەندە، يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان 5000 نەپەر ئالىم ، مۇتەخەسسىس بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغان جاكارنامىدە، HIV ۋىرۇسىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئەيدىز كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بېكىتىلدى.
ئەيدىز ئاتلىق بۇ ئىنسانىيەتنى ھالاكەت مەيدانىغا سۈرەپ بارغۇچى مەلئۇن يالماۋۇزنىڭ پەيدا بولۇشى خۇددى قىيامەت كۈنى ھارپىسىدا مەيدانغا كېلىدىغان دەججالدەك كىشىلەرنىڭ قەلىب كۆكىنى قاتمۇ – قات قاپقار مۇدىھېش ۋەھىمە بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇراپ تاشلىدى. 1987- يىلى ئەيدىزگە قارشى تۇرغۇچى دورا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بويۇملىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ كلىنىكىدا ئىشلىتىلدى. بۇ ئىنسانلار ياساپ چىققان ئەيدىزگە قارشى تۇرغۇچى تۇنجى دورا بولۇپ قالدى. كىشىلەر خۇددىي بايقى بۇلۇتلار ئارسىدىن ۋىلىقلاپ كۈلگەن ئۈمىد قوياشىنى كۆرۈشكەندەك، ئەيدىزنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈمىد – ئارزۇسىنى ئەيدىزگە قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا باغلاشتى. ئەمما، بۇ خىل تىپتىكى دورىلار بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بارلىق بىمارلار ئىچىدە تا ھازىرغىچە كلىنىكىلىق ئالامىتى سەل – پەل يېنىكلەپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ساقايغان بىرمۇ بىمارنىڭ چىقامسلىقى، ھە دېگەندە بىمارلاردا دورىغا بولغان چىدامچانلىق شەكىللىنىۋېلىپ، داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولماي قېلىشلىرى، كىشىلەرنىڭ ھېلقى ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى يەنە بىردەمدىلا يوغانغان شارغا يىڭنە تىققاندەك يوق قىلدى. دورا ئارقىلىق ئەيدىزدىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى خۇددى چۆلدىكى ئالۋۇنغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئەخمەق ئەتمەكتە ئىدى.
يىگىرمە نەچچە يىللاپ ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىش، تەتقىقاتلار ئەلىۋەتتە نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەمما، بۇ نەتىجىلەر ئەيدىزنىڭ شەپقەتسىز چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن كۆرەشتە ھېچنەرسىگە ئەسقاتمىدى.
ھالاكەتنىڭ بىر يۈزى بولغان ئەيدىز بارغانسېرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئارسىدا يامراپ، ئادەملەرنى خۇددىي دېھقان قوناق شېخى ئورىغاندەك قىرىپ تاشلىماقتا. ھەر بىر ئىنسان ئىنسانىي ھۆرمىتى، قەدىر – قىممىتى ۋە ئۆز شەرىپى بىلەن ھاياتىغا نۇقتا قويۇشنى يەنى ئۆلمەكنى ئىستەيدۇ. ئەمما، كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەت شۇكى، داۋالاش ئۆيىدە ياكى ئۆز ئۆيىدىكى ئەسكى پالاسنىڭ ئۈسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆز كۆزلىرىنى خۇددىي ئوغرى ساقچىدىن قاچقاندەك قاچۇرۇپ، تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئازاب ۋە ئۆكىنىش، ناقايىللىق ئىچىدە نورمال كىشىلەرنىڭ جان ئۈزۈش شەكلىگە ئوخشاش بولمىغان ئېچىنىشلىك بىر شەكىلدە جان بېرىۋاتقان بىچارە ئىنسان بولۇپ، قالدىغىنى داۋالاش ۋە كۈتۈش خىزمەتلىرنى نۆل نەتىجە بىلەن تۈگەللەپ روھسىزلانغان مەغلۇپ دوختۇر -سېسترا ۋە ئۇلارنىڭ ئېڭدىكى ئازابلىق مەغلۇبىيەت، كارىۋات ياكى ئەسكى پالاس ئۈستىدىكى بارغانسېرى سۇۋۇپ كېتىۋاتقان جەسەت بولىدۇ.
بىزنىڭ ھەقىقىي قورقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان بىردىنبىر نەرسە – بىزنى ئالغا يۈكسىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىزنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغۇچى، ئەقلىيلىكى ۋە قىلچىلىك ئاساسى بولمىغان بىھۇدە قورقۇشتۇر. ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشتىن ھېچبىر ئۈمىد يوق بولۇپ، ئۇنىڭىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى پەقەت ئۇنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىدى. ئەمما ، خەلقىمنىڭ ئەيدىز ئاتلىق جەددالنىڭ سەسكىنىشلىك ھاڭراق ئاۋازىنى ئىشتىپمۇ خىرامان يۈرۈشى مېنى ئەندىشىگە سالاتتى. ئەيدىزنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنىڭ ئاتۇم بومبىسىدىن قېلىشمايدىغان ، ھەتتاكى بىر قەۋىمنى يالماپ يۇتۇپ كېتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئۇلار بىلسە ئىدى. ئاللىقاچان تۇشمۇ – تۇشتىن ئۇنىڭ ئالدىنى توراش كۆرۈشىگە ئاتلىنىشقان بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا، ئىمان ، ئېتىقاد ، پاكىلىقتىن ئېباردە دۇبۇلغان – ساۋۇتلىرىنى كېيىشىپ ئۇنىڭ زەخمىسىدىن ئەمىن قېلىشنى ئىزدەيتى.