سۇ ئۈزگەندە ئاسانلا تېرە كىسىلى يۇقۇپ قالامدۇ؟
يۇقۇپ قالمايدۇ، كۆپلىگەن تېرە كىسەللىكلىرى-سۇ ئۈزگەندە يۇقمايدۇ. بىراق بەدەنگە چىڭ يىپىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىيىم ئىشكابىغا قويماسلىق، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ساپما كەشلەرنى كىيمەسلىك، باشقىلارنىڭ يۇيۇنۇش بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا تۈرلۈك تېرە كىسەللىكلىرى يۇقۇپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
سۇ ئۈزۈش سەزگۈر تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىمالى بار. كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۇ ئۈزۈش كۆپچىلىككە مەلۇم مىقداردا دېزىنفېكسىيىلەش دورىسى ئىشلىتىلىدۇ. گەرچە دېزىنفېكسىيىلەش دورىسى سۇنى دېزىنفېكسىيە قىلسىمۇ، بىر قىسىم تېرە كېسىلى بار كىشىلەردە سەزگۈر تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.
سۇئۈزگەندە ‹‹كۆزى قىزىرىش كېسىلى ››يۇقۇپ قالامدۇ؟
يۇقۇپ قالىدۇ. ‹‹ كۆزى قىزىرىش كېسىلى ›› بار كىشىلەر، ئىمكانقەدەر كوللېكتىپ سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرىغا بارماسلىق كېرەك. ئەگەر بارغان تەقدىردىمۇ كۆزىنى ئاسراش ئۈچۈن، سۇ ئۈزۈش كۆزەينىكى تاقىۋېلىش، سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، كۆزىگە كۆزنى ئاسراش دورىسى تېمىتىپ، كۆزى قىزىرىش كېسەللىكى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.
سۇ ئۈزسە چاچ كېپەك بولۇپ قالامدۇ؟
پات- پات سۇغا چۆمۈلۈۋەرسە، چاچ كۆپ مىقداردىكى خىلۇر ماددىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، غىدىقلىنىپ، كېپەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا سۇغا چۆمۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، چاچنى قايتىدىن پاكىز چايقاش لازىم.