ھامىلىلىكنىڭ 10-ھەپتىسى
ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 8 -ھەپتىسى
تۆرەلمە بوۋاقنىڭ بويى ھازىر 14-16 مىللىمىتىر دىسەك بولىدۇ. كۆزلىرى، ئاغزى، بۇرنى خېلى روشەنلىشىدۇ. كۆز قاپىقى شەكىللىنىشى مۇمكىن، ئەمما ھېلىھەم يېپىشىپ تۇرىدۇ. تۆرەلمىنىڭ سۈت چىشلىرىنىڭ بىخلىرى يەنى سۆڭەك بىخلىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. قول پۇت بارماقلىرى ئارىسىدىكى پەردىلەر نېپىزلىشىشقا باشلايدۇ. پات ئارىدا بارماقلىرى روشەن ئايرىلىدۇ.
بەدەندىكى ئاساسلىق ئورگانلىرىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى ئۆز ئورۇنلىرىغا يەرلىشىپ بولغان بولىدۇ. پۇت قوللىرىنى ناھايىتى كىچىك كىچىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. تۆرەلمىنىڭ مىنوتىغا يۈرەك سوقۇشى 150-170 ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئانىلار ئەڭ مۇھىم بولغان ئالدىنقى ئىككى ئاينى غەلىبىلىك تاماملىغان بولىدۇ. قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ئەھۋاللىرى ئازلاشقا باشلايدۇ، ئەمما بەزىلەردە ھېلىھەم بولۇشى مۇمكىن. قورساق ئانچە يوغىنىمايدۇ. بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە بوۋاقنى ئېنىق كۆرۈش ھېلىھەم تەس توختايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 10-12 ھەپتىلەرنى ساقلاش لازىم. كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ ۋە ئۇيقۇ تەڭپۇڭسىزلىقى داۋام بولىدۇ.
بۇ ھەپتىدىكى كىچىك تەۋسىيەلەر:
1. تاماقلارنى ئالدىنقى ھەپتىلەردە تەۋسىيە قىلغاندەك ئىستىمال قىلىشنى داۋام قىلىڭ.
2. كەيپىياتنى تەڭشەڭ. چۈنكى كەيپىيات = ھورمون = بوۋاقنىڭ ياخشى ئۆسۈپ يىتىلىشى دىمەكتۇر.
3. مۇنتىزىم تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرىنىڭ تەۋسىيە قىلغان ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلىشنى داۋام قىلىڭ.
4. ئېلىكتىر سايمانلىرى، تاماكا بۇسلىرى بولغان مۇھىتتىن ئۇزاق تۇرۇڭ. تېلىفونلار، كومپىيوتېرلار سىزدىن ئۇزاقراق تۇرسۇن.
بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.