ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابوۋاق بالىلارنى سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇقلار ھەققىدە

بوۋاق بالىلارنى سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇقلار ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئانا سۈتى يېتىشمىسە ياكى ھەرخىل سەۋەپلەردىن ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھايۋان سۈتى ياكى باشقا سۈتنىڭ ئورنىنى باسقۇچى سۈت بويۇملىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش— سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم سۈتى بىلەن 4-6 ئاي بېقىشنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئۆزگەرتىش لازىم.

كالا سۈتى

كالا سۈتى سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈتنىڭ ئورنىنى باسقۇچى سۈت بويۇمى بولۇپ، ئالدىن تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  • كالا سۈتىنى تاللاش ۋە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: كالا باقىدىغان قوتان، ئېنەك ۋە كالا ساغقۇچىلار چوقۇم گېگىنا قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش لازىم. ئومۇمەن سۈت فېرمىلىرىدىن چىقىشتىن ئاۋۋال فاسكىر ئۇسۇلى بويىچە دېزىنفىكسىيە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. كالا سۈتىنى قاينىتىپ دېزىنفىكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سۈت ئالىدىغان قاچا قاتارلىقلرنى بىردەك پاكىزە يۇيۇپ قاينىتىپ دېزىنفىكسىيە قىلىش لازىم. كالا سۈتىنى دېزىنفىكسىيە قىلغاندىن كېيىن بەزى باكتېرىيە قاپلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتمەي يەنىلا كۆپىيىشى مۇمكىن. سوغۇق ئورۇندا ساقلاش لازىم. لېكىن قويۇلىدىغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك لازىم. بولۇپمۇ ياز پەسلى ھاۋا ئىسسىق ۋاقتىدا تېخىمۇ ئوڭايلا ئېچىپ قالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى 10°C دىن تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا ساقلاش ياكى توڭلىتىش ساندۇقىدا ساقلاش لازىم.

كالا سۈتىنى تەييارلاش ئۇسۇلى: كالا سۈتىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقتارى ئادەم سۈتىگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ئاسان ھەزىم بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلۇپ 2 ھەپتە ئىچىدىكى بوۋاقلارغا سۇ قوشۇپ ياكى گۈرۈچ شورپىسى بىلەن سۇيۇلدۇرۇپ ئېمىتىپ، كېيىن تەدرىجىي ساپ سۈتكە ئۆزگەرتىلىدۇ. كالا سۈتىدىكى قەنتنىڭ مىقتارى تۆۋەن، شۇڭا قەنت قوشۇلىدۇ. ۋىتامىن C نىڭ مىقتارى ئاز ھەمدە قايناتقاندىن كېين كۆپ ساندىكىلىرى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ۋىتامىن Cدىن ئايرىم بېرىش ياكى مىۋە سۈيى قوشۇپ تولۇقلاش لازىم. كالا سۈتىنىڭ مىقتارى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن ھەركۈنى 100 مىللىلېتىر ھېساپلىنىدۇ. ھەركۈنلۈك ئومۇمىي مىقتارى 1000 مىللىلېتىر ئىچىدە بولۇشى كېرەك.

ئىسسىقلىق مىقتارى: ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىلرىقى ئۈچۈن ھەركۈنى تەلەپ قىلىدىغان ئىسسىقلىق تەخمىنەن 100-110 كالورىيە بولىدۇ. كالا سۈتىنىڭ 100 مىللىلېتىر 66 كالورىيە ئىسسىقلىق بېرىدۇ. 8 % قەنت قوشقاندا ئىسسىقلىق مىقتارى 100 كالورىيە بولىدۇ.

سۇيۇقلۇق مىقتارى: بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە ھەر كىلوگرامغا ھەر كۈنى 150 مىللىلېتىر ھىساپلىنىدۇ (كالا سۈتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

قەنتلەر: 100 مىللىلېتىر كالا سۈتىگە 5-8 گرام قەنت قوشۇلىدۇ. تۇغۇلۇپ 2 ھەپتە ئىچىدىكى بوۋاقلارغا 2/3 كالا سۈتى بېرىلىدۇ. تۇغۇلۇپ 1-2 ئايلىقلارغا ساپ سۈت بېرىلىدۇ. لېكىن بەدىنى ئاجىز بالىلار ياكى ھەزىم قىلىش قابىلىيىتى ناچارلاغا دەسلەپتە  1/2 كالا سۈتى بېرىش لازىم.

بەدەن ئېغىرلىقى 4 كىلوگرام بوۋاقنى مىسال قىلغاندا ، تۆۋەندىكىچە ھېساپلىنىدۇ:

سۇيۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي مىقتارى 4 كىلوگرام X 150 مىللىلېتر = 600 مىللىلېتر

كالا سۈتىنىڭ ئومۇمىي مىقتارى 4 كىلوگرام X 110 = 440 مىللىلېتر

سۇ مىقتارى 600 مىللىلېتر – 440 مىللىلېتر = 160 مىللىلېتر

قەنت مىقتارى 440 مىللىلېتر * 8% = 35 گرام

ھەر كۈنى 6-7 قېتىم ھەر قېتىمدا 86-100 مىللىلېتر

 

سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى

سۈتنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، دېزىنفىكسىيە قىلىپ ساقلىنىدۇ. سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى 2 گە بۆلۈپ تەييارلىنىدۇ. ھەر قېتىم ئىمىتىشتىن ئىلگىرى بىر نەچچە مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئىمىتىشتىن ئىلگخرى قول دۈمىسىگە سۈتتىن 1-2 تامچە تېمىتىپ تېمپىراتۇرىنىڭ مۇۋاپىق بولغان بولمىغانلىقى سىناپ بېقىلىدۇ. ئېمىتىش ۋاقتىدا ئاشقازانغا ھاۋا يۈتۈۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شىشىنىڭ ئاستىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ سۈتنىڭ ھەممىسىنى سۈت شىشىسىنىڭ ئالدى بۆلىكىگە ئەكىلىش لازىم. چۈنكى كالا سۈتىنىڭ ھەزىم بولۇشى قېيىن بولغاچقا، ئاشقازاندا تۇرىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ. ھەر 4 سائەتتە بىر ئېمىتىش كېرەك.

 

ساپ مايلىق سۈت پاراشوگى

پۈركۈش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كالا سۈتىنى نىسبەتەن تەكشى ئۇششاق پاراشوكقا ئايلاندۇرغاندا ساپ مايلىق سۈت پاراشوگىتەييار بولىدۇ. كالا سۈتىنى تەييارلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كازىن پارچىلىنىپ، يۇمشاپ ئۇچچان ماي كىسلاتاسىمۇ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىدىن يېڭى كالا سۈتىگە قارىغاندا ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ. سۈت پاراشوكىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئوڭاي ھەزىم بولۇشتىن باشقا ئاسان ساقلىغىلى بولىدۇ. ھاۋا كېلىمات ئىسسىپ كەتسىمۇ ئوڭايلا بۇزۇلمايدۇ. ياز پەسىللىرى ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ساپ مايلىق سۈت پاراشوكىنىڭ ھەر 100 گرام دا تەخمىنەن ئاقسىل ماينىڭ ھەرقايسىسىدىن 26 گرام، سۈت قەنتى 40 گرام، كان ماددىلىرى 3 گرام، ئىسسىقلىق مىقتارى 500 كالورىيە بولىدۇ. تەڭشىگەندە 1 گرام سۈت پاراشوكىدا 8 گرام سۇ قويغاندا ساپ سۈت ھاسىل بولىدۇ، ياكى 1 ئۈلۈش سۈتكە 4 ئۈلۈش بويىچە سۇ قوشۇلىدۇ.  ئادەتتە 1 چوڭ قوشۇق سۈت پاراشوكىغا 60 مىللىلېتر سۇ قوشۇلسا بولىدۇ. ئېمىتكەندە باشقىدىن قەنت ۋە ۋىتامىن Cتولۇقلىنىدۇ.

 

قۇيۇقلاشتۇرۇلغان سۈت

ساپ كالا سۈتىنى قىززىتىپ تاكى ئەسلىدىكى سىغىمچانلىق مىقتارىنىڭ 2/5 گىچە پارغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن 40% قەنت قوشۇپ ياسىلىدۇ. بۇ خىلدىكى سۈت سۇيۇقلۇقىنى پارغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئاقسىل ۋە مايلاردا بىردەك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ. لېكىن ۋىتامىن B, C نىڭ ھەممىسى بۇزۇلىدۇ. باشقىدىن تولۇقلاش زۆرۈر. ئاغزىنى ئاچقاندىن كېيىن ئوڭايلا بۇلغىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت قويۇشقا بولمايدۇ. تەڭشىگەندە قويالدۇرۇلغان سۈتتىن بىر ئۈلۈشكە ، سۇدىن 4 ئۈلۈش قوشۇپ سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن ساپ سۈتكە تەڭ بولىدۇ. سۇيۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن قەنت مىقتارى يەنىلا يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ئاقسىل، ماينىڭ مىقتارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. بوۋاقلار بۇ سۈت سۇيۇقلۇقىنى ئىستىمال قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىى ۋاقتىنچە تېزرەك بولسىمۇ مۇسكۇللار بوش، قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

 

چۈچۈمەل سۈت

يېڭى كالا سۈتىگە كىسلاتالىق نەرسىلەر قوشۇلىدۇ. ئادەتتە ھەر 100 مىللىلېتر كالا سۈتىگە سۈت كىسلاتاسىدىن 0.8-0.5 مىللىلېتر قوشۇلىدۇ ياكى ئاپىلىسىن سۈيىدىن 6.0 مىللىلېتىر قوشۇپ ياسىغاندا ئاۋۋال سۈت سۇيۇقلۇقىنى دېزىنفىكسىيە قىلغاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ نەيچە ئارقىلىق چۈچۈمەل سۇيۇقلۇقنى سۈتنىڭ ئىچىگە ئاستا-ئاستا تېمىتىپ كىرگۈزىلىدۇ. بىر تەرەپتىن تېمىتىپ، بىر تەرەپتىن تەكشى چايقىلىپ، مۇنەكچىلەرنىڭ زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. چۈچۈمەل سۈتتىكى كازىن مۇنەكچىلىرى كىچىكلىشىپ ئاسان ھەزىم بولىدۇ. شۇنداقلا ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئېمىتكەندە شېكەر قوشۇلىدۇ. سۇيۇلدۇرۇش ھاجەتسىز. بۇ ھەزىم قىلىش قابىلىيىتى ناچار بوۋاقلارغا نىسبەتەن مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 

قايمىقى ئېلىۋېتىلگەن سۈت

ساپ سۈتنى قاينىتىپ سوۋۇتۇپ ئۈستىدىكى بىر قەۋەت قايمىقى ئېلىۋېتىلسە، بۇ سۈت ھاسىل بولىدۇ. بۇخىلدىكى سۈت سۇيۇقلىقىدا ماينىڭ مىقتارى تۆۋەن بولغانلىقىدىن ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقلارغا ئىمىتىش مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنى بوۋاقلارنىڭ رەسمىي ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

 

قوي سۈتى

قوي سۈتىنىڭ تەركىبى بىلەن كالا سۈتىنىڭ تەركىبى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قوي باقىدۇ. بوۋاقلارنى قوي سۈتىدىن پايدىلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. قوي سۈتى بىلەن ئېمىتكەندە دېزىنفىكسىيە قىلىشقا دىققەت قىلىپ، بروتسىليوز كېسىىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بۇنىڭ تەركىبىدىكى سۈت ئاق ئاقسىلى كالا سۈتىگە نىسبەتەن يۇقىرى بولغانلىقىدىن ئاقسىل ئۇيۇلچىلىرى كىچىك ۋە يۇمشاق بولىدۇ. ماي شارچىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئادەم سۈتىگە يېقىن بولۇپ، بوۋاقلار ئۈچۈن بىر قەدەر ياخشى يىمەكلىك ھېساپلىنىدۇ. لېكىن قوي سۈتىدە ۋىتامىن ب 12 ، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار كالا سۈتىگە نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئوزۇقلاندۇرۇلسا، ئوڭايلا چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش لازىم .

 

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-09-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-02 / 10:58:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ