رېتسېپ : رەيھاندىن 2 گرام ، سىپارى يىلتىزى پوستىدىن 2 گرام ، ئۇدخامدىن 2 گرام ، ئورمان كىرەشىدىن 3 گرام ، كۇلى بېھىسىدىن 2 گرام ، قۇستەدىن 2 گرام ، بايناقدىن 3 گرام ، سىپارىدىن 4.5 گرام ، پوستى تۇرۇنجىدىن 3 گرام ، كاشىمدىن 3 گرام ، ھۆل زەنجىۋىلدىن 2 گرام كۈندە 3 قېتىم قاينىتىپ ئىچىلىدۇ .
رېتسېپ : قانتېپەردىن 15 ~ 30 گرام ، تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن 15 گرام ، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 30 گرام ، قۇستەدىن 15 گرام ، تۈكلۈك قاقىلەدىن 6 ~ 12 گرام ، تۆمۈر سۇلفاتدىن 9 گرام .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : يۇقىرىقى دورىلارنى چالا سوقۇپ داكىغا ئوراپ ، كارپ بېلىقىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ، 30 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ ، بېلىق گۆشىنى يەپ ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنى كېسەللىك ئالامىتى يوقالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ . كېسەللىك يېنىكرەك بولغان بىمارلارغا 5 ~ 6 قېتىمدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
ئەسكەرتىش : 1. بېلىق 1.5 ~ 2 كىلوگراملىق بولۇشى كېرەك . 2. 100 كۈنگىچە تۇزدىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ .
رېتسېپ : قىزىل ماشدىن 9 ~ 30 گرامنى يۇيۇپ ، سۇدا پىشۇرۇپ ، سۈيىنى ئىچىپ ، ماش يەپ بېرىلىدۇ .
رېتسېپ : قوناق ساقىلىدىن 30 گرام ~ 60 گرامنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بېرىلىدۇ .
رېتسېپ : تەكىيە كاۋا پوستىدىن 15 ~ 30 گرامنى قاينىتىپ ، سۈيى ئىچىپ بېرىلىدۇ .
جىگەر قېتىپ قورساققا سۇ چۈشكەن بىمارلار دىققەت قىلدىغان ئىشلار
1. تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر مەسىلەن : كۆكتات ، مېۋە ، تۇخۇم ، سۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك .
2. گۆش ۋە تۇز ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك .