ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلاردىئابىت كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئەپچىل رېتسېپلار

دىئابىت كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئەپچىل رېتسېپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1 – يېرىم ئىستاكان نېلۇپەر يىلتىزىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە قايناقسۇغا چېلىپ ئىچسە بولىدۇ.

2 – 30 گرام يېڭى ئۈجمە، 15 گرام قارا كۈنجۈت ۋە 15 گرام ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن قايناقسۇغا چېلىپ ئىچسە، دىئابىت كېسىلىدىن بولغان بەل كۈيۈشۈپ ئاغرىش، ئالدى پىشاپ قىستاش، ئۇسساش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3 – كۆممىقوناق ساقىلىنى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4 – 100 گرام پالەك يىلىتىزىنى 10 گرام ئاق مور بىلەن قاينىتىپ، ئەتىگەندە ۋە كەچتە سۈيىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

5 – ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېرىق ئۇمىچى ئېتىپ، ئاۋۋال ئۈستىدىكى قېتىشمىسىنى يەپ، ئاندىن ئۇماچنى ئىچسە، دىئابىت كېسىلىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

6 – 120 گرام يېڭى چوغلۇقنى پاكىزە يۇيۇپ دۈملەپ پۇشۇرۇپ، بىر قېتىمدا يەۋىتىش كېرەك. شۇ تەرىقىدە كۈندە ئىككى قېتىم يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

7 – ئاچچىق تەرخەمەك بىلەن قىزىل سەۋزىنى پاكىزە يۇيۇپ، ئىنچىكە توغراپ خام سەي قىلىپ يېسە بولىدۇ. ھەر كۈنى يېرىم جىڭ ئاچچىق تەرخەمەكنى قاينىتىپ، تاماقتىن بۇرۇن سۈيىنى ئىچسىمۇ بولىدۇ.

8 – يېڭى كەرەپشە يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق تەييارلاپ، پاكىزە يۇغاندىن كېيىن ئېزىپ سۈيىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم ( ھەر قېتىمدا 50 مىللىلېتىر) ئىچىپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، قاندىكى ياغنى پارچىلايدۇ.

9 – تەكىيە كاۋا پوستىدىن 100 گرام، مۇۋەببەلسىپت (冬麦) تىن 100 گرام، مامۇرانچىن (连黄) دىن 15 گرام تەييارلاپ، قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچسە، دىئابىت كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

10 – قورۇپ پۇشۇرۇلغان 30 گرام كاۋا ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچسە، دىئابىت كېسىلىگە ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى پۇت – قول ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

11 – يۇمران كاۋىنى كۈنىگە 500 گرامدىن، ئىككى – ئۈچ ئاي ئىستېمال قىلسا، دىئابىت كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

12 – توشقان گۆشىدىن 100 گرام، قوينىڭ ئۆپكىسىدىن 50 گرام تەييارلاپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، شورپىسىنى ئىچىپ، گۆشىنى يەپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-12-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-10 / 07:10:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ