ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىيۈرەكنىڭ شەكلى ۋە روللىرى

يۈرەكنىڭ شەكلى ۋە روللىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۈگۈن سىلەر بىلەن مەن قىزىقىدىغان بىر تېما، يەنى يۈرەك توغرىلىق بەزى مەزمونلارنى ھەمبەھىرلىنىمىز.

يۈرەك ھەممىمىز بىلىدىغان ئورگان. ئەگەر يۈرەك توختاپ قالسا، ئادەم ئۆلىدۇ ( قۇرۇق گەپ !! ). بۇنىڭ سەۋەبى، يۈرەك بەدىنىمىزنىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن پومپا رولىنى ئوينايدىغان يەر. يەنى يۈرەك پۈتۈن بەدىنىمىزدىن كەلگەن قاننى ئۆپكىگە ئېتىپ ئەۋەتىپ بېرىپ، ئۆپكىدە ئوكسىگىن ئالمىشىشىغا ياردەم قىلىدۇ، ئاندىن ئۆپكىدىن كەلگەن ئوكسىگىنگە تويغان قاننى بەدەننىڭ ھەر قايسى قان تومۇرلىرىغا ئېتىپ بېرىشىكە مەسئۇل بولىدۇ.

يۈرەكنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى

يۈرەك ئىككى ئۆپكىنىڭ ئارىسىدا، كۆكرىكىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سەل سولغىراق جايلىشىدۇ. مۇشتۇم شەكلىدە بولىدۇ، ھەم تەخمىنەن ئۆزىڭىزنىڭ مۇشتۇمى چوڭ كىچىكلىدە بولىدۇ. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 250 300 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. سىرتتىن ئىچىگە يۈرەك سىرتقى پەردىسى، يۈرەك مۇسكۇلى، ۋە يۈرەك ئىچكى پەردىسى دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.

يۈرەكنىڭ قەۋىتى
يۈرەكنىڭ قەۋىتى

يۈرەكتە 4 بوشلۇق بولىدۇ. بۇ خۇددىي بىر ئۆينىڭ 4 ئايرىم ئايرىم ياتىقىغا ئوخشايدۇ. ئۈستىدىكى ئىككىسى يۈرەك دالانچىسى، ئاستىدىكى ئىككىسى بولسا يۈرەك قېرىنچىسى دەپ ئاتايمىز. يۈرەكنىڭ مۇسكۇللىرى قىسقىراش ۋە كېڭىيىشى ئارقىلىق قانلار بىر بوشلۇقتىن يەنە بىر بوشلۇققا قاراپ ماڭىدۇ.  بەدەندىكى قانلار ئوڭ يۈرەك دالانچىسىغا كېلىدۇ، بۇ دالانچا قىسقىراق سىقىش ئارقىلىق ، قاننى ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىگە ئەۋەتىدۇ، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى بۇ قانلارنى سىقىپ ئۆپكىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. قانلار ئۆپكىڭىزدە ئوكسىگىن ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، سول دالانچىغا كېلىدۇ. سول دالانچىدىن ئوخشاش مەنتىقى بىلەن بۇ قاننى سول قېرىنچىگە يوللايدۇ، ئاندىن سول قىرىنچا قاننى سىقىپ پومپالاپ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەمدى بۇ قانلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ماڭماي ئارقىسىغا مېڭىپ كىتىش ئىھتىمالى بولامدۇ؟ بولىدۇ، ئەمما شۇ ئارقىغا مېڭىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرەكتە كلاپان بولىدۇ.

يۈرەك بوشلۇقلىرى ۋە كىلاپانلىرى
يۈرەك بوشلۇقلىرى ۋە كىلاپانلىرى

ھەر بىر بوشلۇق ئارىسىدا كلاپان يەنى ئىشىك رولىنى ئوينايدىغان قاننىڭ ئارقىغا مېڭىپ كىتىشىنى توسايدىغان پەردە بولۇپ جەمئىي 4 تانە كلاپان بولىدۇ. بۇلار قانلارنىڭ ئارقىغا يېنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ كىلاپانلارنىڭ ئايرىم ئايرىم ئىسمى بولىدۇ، ھەم شەكلىمۇ بىراز ئوخشىماسلىق بولىدۇ. ئوڭ يۈرەك دانلانچە ۋە قېرىنچە ئارىسىدىكى كىلاپاننى ترىكاسپىت، يەنى ئۈچ ياپراقلىق كلاپان، ئوڭ قېرىنچىدىن ئۆپكىگە قان ئەۋەتىدىغان يەردىكى كلاپاننى ئۆپكە كىلاپانى دەيمىز، سول دالانچىدىن قېرىنچىگە كىرىدىغان يولدىكسىىنى بىكاسپىت، ياكى ئىككى ياپراقلىق كلاپان دەيمىز، سول قېرىنچىدىن غول تومۇر يەنى پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىدىغان يەردىكىنى غول تومۇر كلاپان دەيمىز. بۇلارنى ئايرىم چۈشەندۈرۈشتىكى سەۋەب، بۇلار قانلارنىڭ ئۆز يولى بىلەن نورمال مېڭىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ كلاپانلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇش ئىھتىمالى بولىدۇ ھەتتا ئوپىراتسىيە بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىغى بولىدىغان جايلاردۇر.

يۈرەك مۇسكۇللىرى گەرچە نورمال بىلەك پاچاق مۇسكۇللىرىمىزغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشىسىمۇ، ئەمما مېڭىمىز يۈرەك مۇسكۇلىمىزنى كونترول قىلالمايمىز. يۈرەك مۇسكۇلى ئاپتۇماتىك رىتىملىق قىسقىراش، ئۇزىراش ئالاھىدىلىكىگە ئېگە. ۋە دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىزنىڭ رىتىملىق يۈرەك سوقۇشىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ.

يۈرەكنىڭ سوقۇشى

يۈرەك تۆرەلمىنىڭ 2-ھەپتىسىدە ئاستا ئاستا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ ۋە 8-ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا يۈرەكنىڭ دەسلەپكى شەكلى پۈتىدۇ. 10-ھەپتىدە يۈرەكنىڭ قان تومۇرىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. تۇنجى قىتىم يۈرەك سوقۇشى 5-6 ھەپتىدە ئاستا ئاستا باشلىنىدۇ. ئەمما نورمالدا 9-10 ھەپتىلىرىدە ئاندىن دوختۇرخانىدا ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە بىلگىلى بولىدۇ.

تۆرەلمە يۈرەكنىڭ شەكىللىنىشى
تۆرەلمە يۈرەكنىڭ شەكىللىنىشى
ھامىلىلەرگە ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش
ھامىلىلەرگە ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش

يۈرەكنىڭ نورمال سوقۇشى ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئوڭ يۈرەك دالانچىسىنىڭ سىنۈس نوقتىسى دىگەن بىر يەردىن باشلايدۇ. ئاندىن يۈرەكنىڭ باشقا يەرلىرىگە تارايدۇ. ۋە بىر قىتىملىق يۈرەك سوقۇش تاماملىنىدۇ.

سىنۈس نوقتىسى يۈرەك رىتىمى
سىنۈس نوقتىسى يۈرەك رىتىمى

يۈرەك سوققاندا دۇك دۇك دەپ ئىككى قېتىم ئاۋاز چىقىدۇ. بۇ ئاۋازلار ئاساسلىقى كلاپانلارنىڭ يىپىلغاندا بىر بىرىسىگە تەككەندە چىققان ئاۋاز. 1 ئاۋازنى س 1 دەپ قويىمىز، ئىككى ياپراقلىق كلاپان ۋە ئۈچ ياپراقلىق كىلاپاننىڭ يېپىلىشىدىن چىقىدۇ. 2 ئاۋاس س 2 ئاۋازى، غول تومۇر كلاپان ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپاننىڭ يېپىلىشىدىن چىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە س 3، س 4 دىگەندەك قوشۇمچە ئاۋازلار چىقىشى مۇمكىن.  بەزى س 3 لەر بىلەن س4 ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىكنىڭ بىشارىتىدۇر.

نورمال كىشىلەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنوتىغا 60-90 ئەتراپىدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ مىنوتىغا 120-160 ئەتراپىدا بولىدۇ. 2-3 ياش ئارىسىدىكى بالىلارنىڭمۇ يۈرەك سوقۇشى 100 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇزۇن يىل تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ نورمال يۈرەك سوقۇشى 60دىن ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئادەم تەنھەرىكەت قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، يۈرەك سوقۇشى ئىتتىكلەپ، 150-200 گە چىقىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ھەرىكەتتىن توختىغاندا، يۈرەك سوقۇشى ئاستا ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەگەر ئەسلىگە كەلمىسە، بىر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

يۈرەكنىڭ ھەر مىنۇتتا سوقۇش سانى
يۈرەكنىڭ ھەر مىنۇتتا سوقۇش سانى

مۇشۇ ھىساپتا ئادەمنىڭ يۈرىكى بىر كۈندە  تەخمىنەن 120000-150000 قىتىم سوقىدۇ. ھەر قىتىم سوقۇشتا يۈرەكتىكى قاننىڭ 55-60 پىرسەنتىنى ئىتىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ قان تەخمىنەن 60-80 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. دىمەك، يۈرەك ھەر مىنوتتا 4.8 لىتىر ئەتراپىدا، ھەر كۈن 6900 لىتىر ئەتراپىدىكى قاننى بەدەنگە ئېتىپ بېرىشكە مەسئۇل. بۇنى 365 كە كۆپەيتىپ بېقىڭ، ئاندىن 70 يىلغا كۆپەيتىڭ. ئويلىنىپ بېقىڭ،  يۈرەك بۇ ئىشنى بىر ئۆمۈر يەنى تا بىز ئۆلۈپ كەتكىچە زېرىكمەي قىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق سىزگە ئۆمۈر بويى سادىق ئىشلىگەن ئورگاننى ئاسرىمىسىڭىز، ئۇنىڭغا بەك ئۇۋال قىلغان بولىسىز.

يۈرەكنىڭ ئاتقان قان مىقتارى ئىشلەش كۈچى جەدۋىلى
يۈرەكنىڭ ئاتقان قان مىقتارى ئىشلەش كۈچى جەدۋىلى

يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر

يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك خېلىلا كۆپ كېسەللىلەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى، قان بېسىمى بىلەن يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ جىددىي توسۇلۇپ قېلىشى، قان بېسىمى دۇنيادا كۆپلىگەن كىشىلەردە بولىدىغان بىر كېسەللىك. قان بېسىمىنىڭ يۈزدە 95 كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما مۇشۇ 5% ئېنىق بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىسى دەل مۇشۇ يۈرەكتىكى مەسىلىدۇر. يەنە بىرى يۈرەك قان تومۇرىنىڭ جىددىي توسۇلۇپ قىلىشى، بۇ كېسەللىكتە ئادەمنىڭ شۇ زامان ئۆلۈپ كىتىش ئىھتىمالى بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى كېسەللىك يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە باشقا يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرمۇ مۇھىم، بۇلار بولسا، يۈرەكنىڭ تۇغما كېسەللىكلىرى مەسىلەن كىلاپان كەمتۈكلۈگى ،يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى، يۈرەكتە تۆشۈك بولۇپ قىلىش قاتارلىقار بار. ۋە تۇغۇلغاندىن كىيىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاستا ئاستا پەيدا بولغان باشقا كېسەللىكلەرمۇ بار. مەسىلەن يۈرەك ياللۇغلىرى، يۈرەك يوغىناپ كىتىش، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار.

يۈرەكنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى

يۈرەك مۇھىم بىر ئورگان بولغاچقا، مىدىتسىنا تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۈرەككە بولغان تەتقىقات ناھايىتىتى تەرەققىي قىلىپ كەتكەن. ئايرىم يۈرەكنى تەكشۈرىدىغان بۆلۈملەر مەيدانغا كەلگەن.  يۈرەكنىڭ نورمال نورمال ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئىجاد قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ناھايىتى تونۇش بولغىنى، تومۇر تۇتۇش ، ئېكاگى، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش، قان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە 24 سائەتلىك خولتىر ئەسۋابى تاقاپ تۇرۇپ كۈزىتىش، سى تى تارتىش، يۈرەككە نەيچە سېلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بار. يۈرەكنى داۋالاشتىمۇ ھەر خىل دورىلار ئىجاد قىلىندى، مەسىلەن يۈرەك كۈچلەندۈرىدىغان دورىلار، يۈرەكنىڭ رىتىمىنى ئىتتىكلىتىدىغان ياكى ئاستىلىدىغان دورىلار، يۈرەك ياللۇغىلىرىغا پايدا قىلدىغان دورىلار قاتارلىق دورىلار ئىجاد قىلىندى. ھەر خىل يۈرەك ئوپىراتسىيەلىرى، توسۇلۇپ قالغان تومۇرنى ئېچىش ئوپىراتسىيلىرى، تومۇر ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەلىرى ، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەلىرى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە سۈنئىي يۈرەك تېخنىكىلىرىمۇ ئىجاد قىلىندى. مەسىلەن كلاپانلار ئىشلىمەس بولۇپ قالغاندا، مىخانىك يۈرەك كلاپانلىرىنى سېلىش، يۈرەك ئاتالماي قالغان چاغدا، يۈرەك سوقۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئەسۋابى قاتالىقلارمۇ ئىشلىتىلشكە باشلىدى.

ئې كا گ EKG ئۈسكۈنىسى
ئې كا گ EKG ئۈسكۈنىسى
سۈنئىي ئىككى ياپراقلىق كىلاپان
سۈنئىي ئىككى ياپراقلىق كىلاپان

يۈرەكنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قايسى بۆلۈمگە بېرىش كېرەك؟

يۈرەكنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىش لازىم، تۈركچە ئىنگىلىزچە كاردىئولوجى دەپ قويىدۇ. ئەگەر يۈرەكتە جىددىي قان توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، يەنى كۆكرەك قىسمىدا قاتتىق ئاغرىش، يۈك بېسىۋالغاندەك ھىس قىلىش، بۇنىڭ بىلەن باراۋەر سول مۈرىدە ئاغرىش ، سول قول سول بىلەكتە ئاغرىش، سول ئىڭەكتە ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە نومۇر ئېلىپ باراي دىمەي، دەرھال شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، سىز تۇرۇۋاتقان شۇ دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىشىڭىز ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلىفون قىلىش لازىم. چۈنكى يۈرەكتە جىددىي قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلى ئادەمنىڭ شۇ مىنۇت، شۇ سائەتتە ئۆلۈپ كىتىش خەۋپى بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئالدىرماي تەكشۈرتۈۋالامەن دەيدىغان بىر كېسەللىك ئەمەس. تۈركىيەنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش تېلىفون نومۇرى 112. مەيلى ئىقامىتىڭىز ياكى پاسپورتىڭىز بولسۇن بولمىسۇن، بۇ خىل ئەھۋالدا چوقۇم كىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

يۈرەك قان تومۇر جىددىي توسۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالامەتلىرى
يۈرەك قان تومۇر جىددىي توسۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالامەتلىرى

يۈرەكنى ئاسراش ئۇسۇللىرى

يۈرەكنى ئاسراش ئۈچۈن، خۇددىي باشقا ئورگانلارنى ئاسرىغاندەك، ساغلام بىر تۇرمۇش تەرتىپى بولۇش كېرەك. ( يەنە قۇرۇق گەپ !! )، بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس. ئارام ياخشى بولۇش لازىم، ئەيشى ئىشرەت كەيىپ ساپادىن، بولۇپمۇ ھاراق، تاماكىدىن يىراق تۇرۇش لازىم. مايلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلماسىلىق لازىم، ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش لازىم. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك قان تومۇر قېتىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەيپىياتمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى كەيپىيات دائىم تۇراقسىز بولۇپ تۇرسا، يۈرەك سوقۇشى بىنورمال بولىۋەرسە، ۋاقىت ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يۈرەك ئاسان ھارىدىغان بولۇپ قالىدۇ، يوغىناپ كىتىدۇ. رىتىملىق تەنھەرىكەت يۈرەككە ئەڭ پايدىلىق بولغان ئىش. كۈندە 30 مىنۇت ھەرىكەت بەرسە، ساپ ھاۋالىق يەردە ئىتتىك مېڭىپ بەرسە، يۈرەكنىڭ ساغلام تۇرۇشىغا كاپالەت بېرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-20 / 10:03:12

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ