كىلىماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش) دەۋرىگە قەدەم قويغان ئاياللارنىڭ تېنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ ، مېڭە ، جىگەر ، بۆرەك ، تال ، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەدرىجىي يېنىكلىگەنلىكدىن سىرت يەنە فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكا جەھەتلەردىمۇ بىر قەدەر ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن.
![كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردىكى ئۆزگىرىشلەر](https://dohturlar.com/wp-content/uploads/2020/10/kilimakteriye-dewridiki-ayallardiki-ozgirishler.jpg)
دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن تەشۋىشلىنىش ، خاتىرجەمسىزلىنىش ، ئىچى پۇشۇش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ياكى ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ، يۇقىرى قان بېسىمى ، سۆڭەك شالاڭشىش ، سېمىزلىك ، ھەر خىل ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەر ئاسان پەيدا بولىدۇ .
شۇڭا ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ، كۈندىلىك ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ ئۆزىدىكى بەزى بىر كېسەللىكلەرنى بايقاشنى ئۆگىنىۋېلىپ ، بىر قىسىم يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ،ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم .