ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارئۆت ياللۇغى رىتسىپلىرى ھەم پەرىزلەر

ئۆت ياللۇغى رىتسىپلىرى ھەم پەرىزلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

رېتسېپ : پەربۇن ، زورۇمبات ، قۇستە ، پىشقان ئاپېلىسىن پوستى ، قالقانگۈلنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرام ، خام شاتارى ، تاغ دېنى يىلتىزىنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام ، مامكاپدىن 120 گرام ، ئازادى دەرىخى ئۇرۇقىدىن 9 گرامنى كۈندە بىر قېتىمدىن قاينىتىپ ئىچىپ بېرىلىدۇ .

تەسىرى : سوزۇلما ئۆت ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ .

رېتسېپ : قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 50 گرام ، تىللا ئوتدىن 30 گرام ، لىگودىيومدىن 30 گرام ، رەۋەندىن 10 گرامنى قاينىتىپ ، كۈندە 2 ~ 3 كە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلىدۇ .
رېتسېپ : قوناق ساقىلىدىن 60 گرام ، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 30 گرام ، شاتارىدىن 15 گرام ، زورۇمباتدىن 15 گرامنى قاينىتىپ ، كۈندە 2 ~ 3 كە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە ، ئۆت ياللۇغىغا شىپا بولۇشتىن باشقا يەنە ئۆت تېشى ، دېئابېت ، سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا ئۈنۈم بېرىدۇ . قان مېيىنى ، خولسترولنى ۋە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ .

رېتسېپ : پەربۇندىن 15 گرام ، قالقانگۈلدىن 10 گرام ، گۈلسامساقدىن 15 گرام ، چۆل يالپۇزىدىن 15 گرام ، لىندىرادىن 13 گرام ، ئازادى دەرىخى ئۇرۇقىدىن 10 گرام ، زورۇمباتدىن 15 گرام ، تىللا ئوتدىن 30 گرام ، ئېلىپ كۈندە بىر بولاقتىن قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلىدۇ .

ئۆت ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. تۇرۇپ ، شوخلا ، تەرخەمەك ، كاۋا ۋە يېڭى مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك .

2. مايلىق يېمەكلىكلەرنى ۋە خولېسترېن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك ، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان غىزالارنى يەپ بېرىش كېرەك .

3. غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ۋە تەبىئىتى كۈچلۈك خۇرۇچلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:05:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ