كۆزنى ئاسراش ئۈچۈن ئىس ۋە چاڭ–توزاندىن ، غەم قايغۇ ۋە يىغىدىن ، ئۇششاق يېزىلغان خەتلەرنى زورۇقۇپ ئوقۇشتىن ، كۈندۈزى ئۇخلاشتىن ، بەك كەچتە تاماق يېيىشتىن ، بەكمۇ ئاق ۋە ئۆتكۈر يالتىراق نەرسىلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ، قۇياشقا كۆپ قاراشتىن ، تۇزلۇق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن، پىياز، سامساق ۋە تاغ پىيىزىنى كۆپ يېيىشتىن شۇنىڭدەك ئېشىپ قالغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
قارا نەرسىلەرگە قاراپ بېرىش ، كۆزگە سۈرمە سۈرۈش كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى زىيادە قىلىدۇ . تۆگىنىڭ ئۆتىنى ھەسەلگە قوشۇپ يەپ بەرسە كۆزنى روشەن قىلىدۇ . تېكىنىڭ ئۆتىنى كۆزگە سۈرمىگە ئوخشاش سۈرۈپ بەرسە كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تېكىنىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ كۆزگە تاڭسا كۆز ئاغرىقىنى ساقايتىش بىلەن بىرگە ، كۆزنى روشەن ۋە نۇرلۇق قىلىدۇ شۇنداقلا كۆز قاراڭغۇلىشىش ، نامازشام كېسىلىدىن ساقلايدۇ