ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزھەرىكەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق رولى

ھەرىكەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. ھەرىكەت قىلىش- مېڭىنى جانلاندۇردۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ چوڭ مېڭىنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشى، چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. ھەرىكەت قىلىش- بەدەندىكى ماينى ئۈنۈملۈك خورىتىدۇ. يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ.

3. ھەرىكەت قىلىش- ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئۆپكىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ.

4. ھەرىكەت قىلىش- بەدەندىكى كالتىسى ماددىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ كېتىش، سۆڭەك سۇنۇش، سۆڭەك شالاڭشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5. ھەرىكەت قىلىش- بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىپ، بىھۇدە سەمرىپ كېتىشنىڭ ۋە تۇيۇقسىزلا ئۇرۇقلاپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

6. ھەرىكەت قىلىش- مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇردۇ. مۇسكۇللار چېكىىپ كېتىش ۋە يىگلەپ كېتىشنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئالدىنى ئالىدۇ.

7. ھەرىكەت قىلىش- تېرىنى ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكلىقى، پارقىراقىلىقىنى ساقلايدۇ. ھەر خىل تېرە كېسەللىكىلىردىن ساقلايدۇ.

8. ھەرىكەت قىلىش- ھاردۇقنى چىقىردۇ، كۆڭۈلنى ئاچىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، روھى- كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، ئادەمنى تېتىك، روھلۇق، جۇشقۇن قىلىدۇ.

9. ھەرىكەت قىلىش- ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتاھانى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشلايدۇ. بەدەن شەكلىنى چىرايلىق قىلىدۇ، ئەركىن- ئازادىلىك ھىس قلىدۇردۇ، روھى ئازادىلىك ئاتا قىلىدۇ.

10. ھەرىكەت قىلىش- ئۇمۇمەن ئالغاندا روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىق سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە يىتەكلەپ ماڭىدۇ. ئاز ھەرىكەت قىلىپ تولا ئۇخلاش قاننى سوۋىتىدۇ. بىر جايدا ئۇزاق ئولتۇرۋېلىش بەدەنگە ماي يىغىدۇ. ھەرىكەت قىلشلا – بەدەننى ساغلام، گۈزەل، كۈچلۈك قىلىدۇ.

<<ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجرىبىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-09-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:51:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ