ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالاپەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئۇلى - مېھرىبانلىق

پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئۇلى – مېھرىبانلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تاشپولات روزى

ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟

مەكتەپ مائارىپىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىغا ئېنىق قىلىپ ئېنىقلىما بېرىش مۇرەككەپ بولسىمۇ، بىراق بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق، ئوقۇتقۇچى دېگىنىمىز ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەقىل ۋە ئىلھام بەرگۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئاكتىپ خاراكتېر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سەۋرچان، مېھرىبان، كۆيۈمچان، سەمىمىي، ھەقىقىي، دوستانە، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئېھتىياتچان، چېچەن قاتارلىقلار.

پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئۇلى – مېھرىبانلىق 

مەن بۇ يىل ئۈندىداردا سىنىپ ئىچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇرۇۋاتقانلىق قىلمىشى توغرىلىق تارتىلغان سىننى كۆرگەن ئىدىم. بىر كۆرۈنۈشتە ياش ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇزۇن سۈپۈرگىنى تۇتۇۋېلىپ قاتتىق ۋارقىراپ ئوقۇغۇچى بالىنى ئۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىرى بولسا مەلۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بېشىگە نوقۇپ بالىنى دۆت دەپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. بۇ ئىككى سىننى كۆرۈپ مېنىڭ يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى ۋە غەزىپىم قاتتىق قوزغالدى. يېقىندا بىرىنىڭ دېيىشىچە قوشنىسى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن بىراق مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ بالىسىنى قاتتىق ئۇرىدىكەن. بۇ ئېغىر قىلمىشقا نىسبەتەن قولۇمغا قەلەم ئېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەنىدىم. بىراق بۇ ئوقۇغۇچى ئۇرۇشتەك ئېغىر قىلمىش ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلگەندە، بۇ ئەخلاقسىز ئوقۇتقۇچىلارغا نەپرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. مەن ھازىرغىچە بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئۈستىگە ئېلىپ بىرەر بايانات ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن، جەمئىيەتتىن ئەپۇ سورىغانلىق توغرىسىدا بىر ئېغىز گەپ ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەسلىدە قىلغان خاتا قىلمىشلارنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتىشمۇ ئىنساننىڭ ياخشى ئەخلاقى ئىدى. مېنىڭ بۇ يەردە بۇنداق ئەخلاقسىز ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىدلىشىم ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ياخشى ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئەخلاقلىق، مەكتەپنى، جەمئىيەتنى، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيىدۇ. ئۇلار جاپالىق رايونلاردا ھارغان چارچىغىنىغا قارىماي بىر ئۆمرىنى ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشكە بېغىشلاۋاتقان نامسىز قەھرىمانلاردۇر. مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئالىيجاناب روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ئۇلارغا چەكسىز ھۆرمىتىم بار! مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچىلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن!

مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 30 يىلدىن ئاشتى ھازىرغىچە بىرەر ئوقۇغۇچىغا قاتتىق ۋارقىرىغان ۋە ياكى ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ باققان ۋاقتىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا ئۇرۇپ تەربىيەلىشىگە قاتتىق قارشى بولغانلىقىم سەۋەبىدىنمۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بالا ئۇرۇپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىسام بەدەنلىرىمنى تىترەك باسىدۇ. مەن ياپوندا ئوقۇدۇم ھەم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە كىرىشتىم. ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بۇ ئىككى دۆلەتتە تۇرغىنىمدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇرغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىدىم. ياپوندىكى ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىنىڭ بالا ئۇرۇشى ئەمەس ئىككى ياپونلۇقنىڭ گەپ تالىشىپ ۋاقىراشقىنىنى ياكى مۇشتلاشقىنىنى تېخىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلۇقلار ئىنسان قىلمىشىدىن چىقىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئادەم سويغان ئىدى. ياپونلۇقلارنىڭ بۇنداق ئەخلاقلىق بولۇشى ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلار «ھازىرقى زامان ئەخلاق تەربىيەسى»نى مەكتەپلەردە ئۆگىنىپ نېمىنىڭ خاتا نېمىنىڭ توغرىلىقىنى چوڭقۇر تەنقىدىي ئويلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇنداق ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلىتى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىنى، ئائىلە تەربىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇتۇپ، بالا تەربىيەلەپ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىمغا 14 يىل بولغان بولسىمۇ، سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرمىدى. ھەم مەن دەرس ئۆتكەن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ بالا ئۇرۇپتۇ دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئاڭلاپمۇ باقمىدىم. ئامېرىكا تېلېۋىزور ۋە رادىئو خەۋەرلىرىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ قويغانلىق ياكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى قاتتىق چەكلەنگەن.

يۇقىرىقىدەك دىيارىمىزدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچى ئۇرۇش مەسىلىسى ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە يۈز بەرسە، ئوقۇتقۇچى مەكتەپتىن دەررۇ چېكىندۈرۈلىدۇ ياكى بۇ ئىشنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلارغا جىنايەت ئارتىپ مەسىلىنىڭ سوت ئىچىدە بىرتەرەپ قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ يەردىكى بىر ياخشى ئەھۋال ۋەقە سادىر قىلغان ئوقۇتقۇچى ئۆز خاتالىقىنى دەرھال ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، جامائەتتىن، ئوقۇغۇچىدىن ۋە ئوقۇغۇچى ئائىلىسىدىن دەررۇ ئەپۇ سورايدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچى ئۇرۇشتەك ئېغىر ئەخلاق مەسىلىسىدە ئامېرىكا خەلقى ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىغا ئىچ ئاغرىتىپ يان باسىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. چۈنكى بۇلاردا نېمىنىڭ خاتا قىلمىش ئىكەنلىكى كىچىكىدىن باشلاپ كاللىسىدا ئېنىق بولغاچقا خاتا ئىشقا سەۋەب ئىزدەپ ئۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنمايدۇ. بىزدە يامان ئىش كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ ئۇنى يامان دېيەلمەيدىغان ساپا خېلى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئەگەردە ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىنى كەمسىتىش ياكى ئۇرۇپ قويۇش ئىشلىرى يۈز بېرىپ، مەكتەپ تەرەپ مەسىلىنى دەررۇ ھەل قىلماي بىپەرۋالىق قىلسا، ئاشۇ مەكتەپ ئەتراپىدىكى جامائەت ياكى ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان بەزى بىر ئورگانلار ۋە شەخسىيلەر مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، مەكتەپنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ ھەتتا سوت ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم مەكتەپتە يۈز بەرگەن ناچار قىلمىشلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يوشۇرۇنۇپ قالىدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەستۇر. ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس، ئائىلىسىدىمۇ تەن جازالىرىغا ئۇچرىشىغا ۋە ياكى ۋارقىراپ قورقۇتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى قىلمىشلار كۆرۈلسە قانۇن جەھەتتىن جازالىنىپ تۈرمىگە قامىلىدۇ. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ ناھەق ئۇرۇشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ دەردىنى دېيەلەيدىغان تېلېفون مۇلازىمىتى نومۇرى تارقىتىپ بېرىلگەن. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سىنىپ ئىچىدە يۇقىرىقىدەك قىلمىشلارنىڭ بار يوقلۇقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ لوس ئانجېلېستا تۇرىدىغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن مەزگىللىرىدە، بىر كۈنى ئەتىگىنى ئوغلى مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بىر ئىش بىلەن قاتتىق خاپا بولۇپ ۋارقىراپ مەكتەپكە يولغا ساپتۇ. ئوغلى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن روھىي جەھەتتىن ئۇچرىغان ناھەقچىلىككە چىدىماي سىنىپتا گەپ قىلماي خاپا چىراي ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىسى بۇ بالىنىڭ ئادەتتە بەك خۇشخۇي يۈرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بالىدىن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ بالا ھېچ ئىش بولمىدى دەپلا قويۇپتۇ. بىراق ئوقۇتقۇچى بۇ بالا چوقۇم بىر ئىشقا ئۇچرىدى دەپ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ سوراپتۇ، بالا ئاخىرى يىغلاپ كېتىپ ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىسىغا دەپ بېرىپتۇ. بۇنى بىلگەن ئوقۇتقۇچى ئەھۋالنى مەكتەپكە مەلۇم قىپتۇ. مەكتەپ بۇ بالىنىڭ دادىسىنى مەكتەپكە چاقىرىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىش ئىكەنلىكىنى، قىلغان قىلمىشىنى توۋا قىلىپ بالىسىدىن ئەپۇ سورىشىنى، بۇندىن كېيىن بالىغا قارىتا بۇنداق ناچار ئىشنى قىلسا، ساقچى ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ قېرىندىشىمىز شۇ يەردە مەكتەپتىن ۋە بالىسىدىن قىلغان ئىشى توغرىلىق ئەپۇ سوراپتۇ. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دېيىشىچە شۇ كۈندىن باشلاپ بالىنى قانداق تەربىيەلەشنى ئۆگەندىم، ھازىرغىچە بالامغا بىرەر قېتىم ۋارقىراپ باقمىدىم، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىمدە قولىمىزنى بىر بىرىگە ئۇرۇشۇپ كۆرۈشىدىغان يېقىن دوستلاردىن بولدۇق دېدى. ئۇ بىزگە يەنە ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىمىزمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ تېخىمۇ ياخشى بولدى، بالىنى ئۇرماي تەربىيەلىسىمۇ بالا ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدىكەن دەپ بىزگە تەربىيە بەردى.

تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ۋارقىراپ ئۇرۇپ تەربىيەلىسىڭىز، بالا سىزگە كۆرۈنۈشتە قورقۇپ سىزنىڭ گېپىڭىزگە كىرگەندەك، سىزنى ھۆرمەتلىگەندەك قىلغان بىلەن يۈرىكىدىن سىز قىلغان قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىكەن. شۇڭا بالا ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارقىراش بالا تەربىيەلەشتىكى ئەڭ ناچار قىلمىش بولۇپ ئۇنى ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا بالىڭىزنى ياراملىق تەربىيەلەيمەن دېسىڭىز، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، ئۇنىڭ ئويلاۋاتقانلىرىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئاڭلاڭ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈڭ ھەم ماختاڭ.

ئىنسان مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغاندىلا ئاندىن ئادەمدەك بولالايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ بىلىشى، ئەخلاقى، ئەقلى تەربىيەلەنمىسە ئۇنىڭ ھايۋاندىن ئانچە چوڭ پەرقى بولمايدۇ. تەربىيە ئىچىدە ئەخلاق تەربىيەسىلا ئىنساننىڭ «ئادىمىيلىكى بولغان ئادەمدەك» بولۇپ تەربىيەلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى دۇنياغا نەزەر سالساقلا بىلىپ ئېلىش تەس ئەمەس. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ياپونىيە.

ھازىرقى زامان ئەخلاق مائارىپى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانلىرىدا مەكتەپلەردە تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئەخلاق تەربىيەسىدە مەكتەپلەرگىلا قاراپ قالماي، ئائىلەردىمۇ ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. ئائىلىلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەخلاق تەربىيەسى ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا ئېلىپ بارغان ئەخلاق تەربىيەسى بولۇپ، بالىنىڭ بىر ياخشى ئەخلاق تەربىيەسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ مائارىپ ساپاسى ۋە ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى بەك چوڭ تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ ئەخلاقىدا مەسىلە بولسا، تەبىئىيلا ئۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ۋە ئەخلاقىدا مەسىلە پەيدا بولۇپ چىقىدۇ. بىر بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقى ئۇنىڭ جەمئىيەتتە تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا بالىلارنىڭ جەمئىيەتتە ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بىز مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇرماسلىقىمىز لازىم. سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن ھەرقانداق مەسىلە پەيدا بولسا، ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن بولغان ئىشقا مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. سىنىپ ئىچىدە مەسىلە ئېغىر بولسا، باللىرىمىزنى ئىشخانىلىرىمىزغا چاقىرىپ ئەكېلىپ مەسىلە ھەل قىلغىنىمىز ئاقىلانە ئىش. سىنىپ ئىچىدە بالا ئۇرۇپ تەربىيەلەش، بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆتكەن ئىنتايىن يامان قىلمىشلاردۇر. بىر بالىنى سىنىپ ئىچىدە شۇنچە كۆپ دوستلىرىنىڭ ئىچىدە خالىغانچە دۆشكەللەش، خالىغانچە ئۇرۇش، خالىغانچە دۆت دەپ تىللاش، ئاشۇ بالىنىڭ ۋىجدانىنى ۋە غورۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىق! بۇنداق نومۇس ئىشنى بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز قىلمايلى. ئەگەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى سىزگە ئېغىر كەلسە ئىككىلەنمەي ئورنىڭىزنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىڭ. چۈنكى سىز بىر بالىغا تەربىيە بېرىۋاتمايسىز، سىز ئاز دېگەندە 30-40 بالىغا تەربىيە بېرىۋاتىسىز. سىز بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان غۇنچىلارنى تەربىيىلەۋاتىسىز. سىزنىڭ خىزمىتىڭىز مۇئاش ئۈچۈنلا بولۇپ قالمىسۇن. ئۆگىنىڭ، تىرىشىڭ يېڭى ئوقۇتۇش مېتودلىرىنى ئىگەللەڭ. مېنىڭچە ئوقۇتقۇچى تىرىشسا ئۆزىدە ئەڭ ياخشى مىنۇتنى بەرپا قىلالايدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم زالىملىق ئارقىلىق ئالىم تەربىيىلەيدىغان كونا، ۋاقتى ئۆتكەن كارغا كەلمەيدىغان ئۇسۇللىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، مېھرىبانلىق ۋە ياخشى ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەيلى! «سىلىق سۆز تاشنى يارار» دېگەن ئېسىل ئەنئەنىمىزنى جارى قىلدۇرايلى!

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە لوس ئانجېلېستا يېزىلدى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-28 / 11:45:52

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ